خاس باغ - ئورمان بېيىشتىكى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندى
【发布时间】2020-07-02  作者:mikray  来源:شىنجاڭ گېزىتى

يەكەن ناھىيەسىدە:

خاس باغ - ئورمان بېيىشتىكى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

«2000 يۈەندىن كۆپرەككە ساتتىم، ھەپتە ئاخىرىدىكى كىرىمىم تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.» 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، يەكەن ناھىيەسى مىشا بازىرى توغاچ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرغۇن نۇرمەمەت يان تېلېفونىنى ئېچىپ بىر كۈن گىلاس سېتىپ قىلغان كىرىمىنى تەكشۈرۈپ كۆردى.

تۆت مو يەردىكى گىلاس تۇرغۇننىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى». ئۇ گىلاس سېتىشقا تايىنىپ، بىر يىلدا 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ. بۇ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ باغ - ئورمان كۆلىمى 1 مىليون 360 مىڭ موغا يېتىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە بادامنى تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ، گىلاس قاتارلىق يېڭى سورتلارنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى ھەم كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى، خاس باغ - ئورمانچىلىق دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم مەنبەگە ئايلاندى.

يېڭى سورت كىرگۈزۈپ گىلاسنى ياخشى باھادا سېتىش

«مەن مۇخبىرغا سىزنىڭ بۇرۇنقى <بىمەنە ئىشلىرىڭىز>نى سۆزلەپ بېرەيمۇ؟» دېدى مىشا بازىرى شامالباغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈسۈپقادىر تۇرسۇن كەنت ئاھالىسى ئابدۇللا سەمەتكە.

«ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى تىلغا ئالمايلى، كېلىڭ، گىلاس يەڭ.» ئابدۇللا بىر ئوچۇم گىلاسنى مۇخبىرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، مۇخبىرنىڭ كوچىلاپ سورىشىنى توسۇشقا ئۇرۇندى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەكەن ناھىيەسى كەڭ كۆلەمدە بادام، ياڭاق قاتارلىقلارنى ئۆستۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇ مېۋىلىك دەرەخلەر بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، بازار رىقابەت كۈچى كۈچلۈك ئەمەس بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كۆرۈنەرلىك بولمىغانىدى.

2002 - يىلى يەكەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بازارنى تەكشۈرگەندە، گىلاس كەسپىنىڭ ئىچكىرى رايونلاردا ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى، شىنجاڭ ئىچىدە گىلاس ئۆستۈرۈشنىڭ ئەمدىلا باشلانغانلىقىنى، بازار يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن كەسكىن ھالدا گىلاسنىڭ يېڭى سورتىنى كىرگۈزدى.

تۇنجى تۈركۈمدىكى سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈلىدىغان يەر باغ - ئورمان ئۆستۈرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە شامالباغ كەنتىدىن تاللاندى، كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىگە گىلاس كۆچىتىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى ھەم تېخنىكلارنى ئەۋەتىپ نەق مەيداندا تىكىشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئابدۇللا بەش مو يەرگە گىلاس تىكىپ، سۇغاردى، ئوغۇتلىدى، دورا چاچتى، بىر يىل، ئىككى يىل، ئۈچ يىل، بەش يىل، گىلاس دەرىخى بارغانسېرى يوغىنىدى، ئەمما مېۋە بەرمىدى، ئۇ تىت - تىت بولغىنىدىن گىلاس دەرىخىنى چۆرگىلەپ نېرى كېتەلمىدى.

ئابدۇللا ئاچچىقىدا قولىغا كەتمەننى ئېلىپلا ئىككى تۈپ گىلاس دەرىخىنى كولاپ چىقىرىۋەتتى، يۈسۈپقادىر بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ: «ناھىيەدىكى تېخنىكلار بۇرۇنلا دېگەن، گىلاسنىڭ مېۋىگە كىرىشىگە يەتتە - سەككىز يىل كېتىدۇ، مېۋىگە كىرگەندىن كېيىن ھوسۇل چوقۇم ياخشى بولىدۇ، سىز ئالدىرىماڭ، يەنە ساقلاپ بېقىڭ» دېدى.

ئابدۇللا كەتمەننى تاشلاپ، ئۇھسىنغان ھالدا بېشىنى چايقىغىنىچە كېتىپ قالدى.

7 - يىلى گىلاس دەرىخىدە ئاندا - ساندا كىچىك قىزىل مېۋىلەر چۈشتى، ئابدۇللا بىر تالنى ئۈزۈپ ئاغزىغا سېلىۋېدى، چۈچۈمەل تاتلىق، يېيىشلىك بولۇپ، ئۇ ئۈمىدنى كۆردى.

2011 - يىلىدىن كېيىن، گىلاس دەرىخى يىلدىن - يىلغا كۆپ مېۋە بەردى، ئابدۇللا پىشقان گىلاسلارنى ئۈزۈپ دۆلەت يولى بويىغا ئاپىرىپ، ئويلىمىغان يەردىن ھەر كىلوگىرامىنى 100 يۈەنگە ساتتى! ئابدۇللا بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى، «بۇ نەدىمۇ ئادەتتىكى مېۋە بولسۇن، بەئەينى ئالتۇن مېۋىغۇ.» بەش مو يەردىكى راسا مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرگەن گىلاسقا تايىنىپ، ئۇ يىلىغا 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى.

ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، يەكەن ناھىيەسى گىلاس ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى يىلدىن - يىلغا كېڭەيتتى، نۆۋەتتە 40 مىڭ مودىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 3000 مو راسا مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرىپ، ھەر مو يەرنىڭ ئوتتۇرىچە پايدىسى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

«ئەمدى دەرەخنى كەسمەيدىغانسىز؟» يۈسۈپقادىر ئابدۇللاغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى. «كەسمەيمەن، بۇ يىل مەن يەنە كېڭەيتىپ تۆت مو يەرگە گىلاس تىكتىم» دېدى ئابدۇللا كۈلۈپ تۇرۇپ.

كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ يېزا - كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش

گىلاسنىڭ بازار تاپقانلىقىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يەكەن ناھىيەسى گىلاس كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، گىلاس كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «مىشا قىزىلى» چوڭ گىلاس ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، گىلاس چېچىكى بايرىمى، گىلاس ئۈزۈش بايرىمى، مەززىلىك تائاملار بايرىمى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، ھەم دىققەتنى تارتتى، ھەم پۇل تاپتى.

2018 - يىلىدىن باشلاپ، يەكەن ناھىيەسى سېلىنمىنى زورايتىپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، گىلاس ئۈزۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ساياھەت - تاماشا قىلىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، مىشا بازىرىنىڭ گىلاسزارلىقىدا خاس ئۈزۈش رايونى، كۆڭۈل ئېچىش رايونى، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ رايونى، كەچلىك بازار، يېمەك - ئىچمەك رايونى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، شۇ جايدىكى توردا ئالقىشلانغان مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇلتۇر، گىلاسزارلىق جەلپ قىلغان ساياھەتچى 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

68 ياشلىق تۇرسۇن ھېزىم گىلاسزارلىقتا دۇكان ئاچتى، ئادەتتە ئىچىملىك، ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك قاتارلىقلارنى ساتىدۇ، ھەر يىلى ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدە ئىككى - ئۈچ ئاي تىجارەت قىلىپ، نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ، «دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ يەردە دۇكان ئاچساممۇ ئائىلىنىڭ قوشۇمچە خىراجىتىنى تاپالايمەن».

ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ، گىلاسزارلىقتىكى پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى، يېمەك - ئىچمەك يايمىسىنىڭ سودىسى قىزىپ، 400دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 250 نامرات ئاھالە بار.

ياز كۈنلىرىدە، چۈشتىن كېيىن گىلاسزارلىقتا ساياھەتچىلەر تەدرىجىي كۆپىيىدۇ، نامرات ئاھالە نۇرئەلى ئەركىن سەيلە ئات ھارۋىسىنى ھەيدەپ، ئالدىرىماي ئايلاندۇرۇپ ساياھەتچىلەرنى ئارام ۋاقىتلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇردى.

بۇلتۇر 4 - ئايدا، نۇرئەلى 15 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سەيلە ئات ھارۋىسى سېتىۋېلىپ، ئۈچ ئاي تىجارەت قىلىپ، 25 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ يىل، گىلاسنىڭ چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ئەگىشىپ، گىلاسزارلىققا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولدى، «بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇمدا چاتاق يوق» دېدى ئۇ.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى قەيسەر ئەلەمشا مۇنداق دېدى: ناھىيەمىز 1 مىليون 360 مىڭ مو خاس باغ - ئورمانغا تايىنىپ، «ساياھەت +» خاس ماركىسىنى ياخشى يارىتىپ، خاس باغ - ئورمانچىلىقتا تېخىمۇ زور «تاشما ئېففېكت» شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدۇق.

سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ بادامنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

«بىر مو يەردە گىلاس، ئۈچ مو يەردە بادام، تۆت مو يەردە ياڭاق بار، بۇ يىل باغ - ئورماندىن مۆلچەرىمچە 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلالايمەن» دېدى ئىلىشقۇ بازىرى چىلانقىر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلەت يۈسۈپ بارمىقىنى چىقىرىپ بۇ يىللىق ھوسۇلنى ھېسابلاپ كۆرۈپ.

نەچچە يىل ئىلگىرى، ئابلەت ئۈچ مو يەرگە بادام تىككەنىدى، پەرۋىش قىلىشنى بىلمىگەچكە، بادام ياخشى ئۆسمەي، بىر مو يەردىن ئاران نەچچە يۈز يۈەنلا پايدا ئالغانىدى. «نۇرغۇن قېتىم دەرەخنى كېسىۋەتمەكچى بولغانىدىم» دېدى ئۇ.

نۆۋەتتە يەكەن ناھىيەسىنىڭ بادام ئۆستۈرۈش كۆلىمى 920 مىڭ موغا يېتىپ، بۇ ناھىيەنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىقىدىكى «باشلامچى»غا ئايلاندى. لېكىن ئىلگىرى دېھقانلاردا مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئوغۇتلاش، چېچەك، مېۋىلەرنى شالاڭلىتىش، تۆت پەسىلدە پۇتاش، چېچىكىنى چاڭلاشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلار كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋىشى يىرىك بولغاچقا، بادام ھوسۇلىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، مېۋىسىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

2018 - يىلى ئاپتونوم رايون «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ھەرىكىتى»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، يەكەن ناھىيەسى پائال ئاۋاز قوشۇپ، خاس باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى سان تىپى، يىرىك تىپتىن سۈپەت - ئۈنۈم تىپى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىپىغا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى.

يەكەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى جاڭ چياڭ مۇنداق دېدى: بۇ ناھىيە تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ئارقىلىق، بادام ئۆستۈرگۈچىلەرگە كۈزدە ئوغۇتلاش، ئەتىيازدا قوشۇمچە ئوغۇتلاش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ پۇتاش قاتارلىق ئۆستۈرۈش تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتتى ھەم 3862 كىشىلىك باغ - ئورمان تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەترەت ئەزاسى ئۈچتىن بەشكىچە كەنت ئاھالىسىنى قوشماقلىشىپ يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، چېچەكلەش مەزگىلىدىكى پەرۋىشنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ ئوغۇتلاپ، دورا چېچىپ، ھەسەل ھەرىسى قويۇپ بېرىپ چاڭلاشتۇرۇپ، مېۋىلەش، مېۋە تۇتۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈش ۋە پەرۋىش قىلىشقا تايىنىپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ باغ - ئورمانچىلىق كىرىمىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇلتۇر بۇ ناھىيەنىڭ بادام ھوسۇلى 26 مىڭ توننا ئاشتى. «ھازىر ھەر مو بادامدىن قىلىدىغان ساپ كىرىمىم 1000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى» دېدى ئابلەت.