چىن دىلىدىن ياردەم قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش
【发布时间】2020-07-03  作者:xirenay  来源:天山网

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇڭ چېڭجۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات ئۈزۈشىگە ياردەم بەردى. بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى جىگدە باغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى كىچىك ئەگمە پارنىك كۆكتاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى.