بايىنغولىن: لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ھەممە جاي ئوتقاشتەك قىزىل رەڭگە كىردى
【发布时间】2020-08-29  作者:xirenay  来源:天山网

  تىيانشان تورى خەۋىرى (بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى چۆ . خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىل 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى خورا تېغى قۇرۇتۇش مەيدانىدا، شۇ جايدىكى دېھقانلار لازىلارنى قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كۈزگى تېرىم مەۋسۇمىدىن كېيىن، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 519 مىڭ 900 مو يەرگە تېرىلغان ھەر خىل لازىلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، ئۈزۈپ قۇرۇتۇش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى دېھقانلار ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ لازىلارنى ئۈزۈپ، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى + بازار» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بازار ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگىچە يۇقىرى ھوسۇللۇق لازا سورتلىرىنى زاكاز قىلىپ تېرىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل بايىنغولىن ئوبلاستىدا تېرىلغان ھەر خىل لازىلارنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 507 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇتۇلغان لازا 233 مىڭ 400 توننىغا يەتكەن.

相关阅读