يەرلىك شاپتۇل ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولى بولۇپ قالدى
【发布时间】2021-04-09  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرى لى خەۋىرى:

 ھازىر لايقا يېزىسىدا شاپتۇللار بەس- بەستە چېچەكلەپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى چىچەك سەيلىسى قىلىشقا جەلب قىلدى. لايقا يېزا كالۋۇي كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئېزىز سەيدۇللا ئائىلىسىنىڭ 40 مو شاپتۇللۇقى ساياھەتچىلەر چوقۇم بارىدىغان ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئېزىز سەيدۇللا مۇنداق دېدى: شاپتۇل چېچىكىنى كۆرۈشكە كەلگەن ساياھەتچىلەر شاپتۇل پىشقاندىن كېيىن يەنە كېلىپ شاپتۇل سېتىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ھويلىنى تۈزەپ، ئاشخانا ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلب قىلىمەن.

 خوتەن ناھىيە لايقا يېزا كالۋۇي كەنتىنىڭ سۇ بايلىقى مول، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇشى يەرلىك شاپتۇلنى پوستى نېپىز، شىرنىسى كۆپ ھەم شېكەر تەركىبىي يۇقىرى بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە قىلدى. يەرلىك شاپتۇلنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، ئەلا سۈپەتلىك يەرلىك شاپتۇل سورتلىرىنى ئۇلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كەنت ئاھالىلىرىنى قوللىدى ھەمدە تېرىقچىلىق ماھىرلىرىنى كوپىراتىپ قۇرۇپ، تارقاق يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. ئېزىز سەيدۇللا باشلامچىلىق بىلەن 40 مو شاپتۇللۇقنى ھۆددىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بىراقلا بۇنچە كۆپ شاپتۇل دەرىخىنى پەرۋىش قىلىش ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىدى. ئېزىز سەيدۇللا مۇنداق دېدى: 2017- يىلى قۇم- بوران ۋە ھاشارات زىيىنى سەۋەبىدىن مەھسۇلات مىقدارى 50 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئازىيىپ كەتتى، يەنە نۇرغۇن دەرەخ قۇرۇپ كەتتى، مەن شۇ چاغدا گەرچە ھەر كۈنى باغدا تۇرساممۇ، ئازراقمۇ ئامال قىلالماي، دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇمۇرۇۋېتىپ، قايتا تىكمەسلىك نىيىتىگىمۇ كەلگەنىدىم.

 يېزا ئېزىز سەيدۇللانىڭ ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قەرەللىك ھالدا مۇتەخەسسىس، تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، يەرلىك شاپتۇلنى بىر تۇتاش ئوغۇتلاش، سۇغىرىش پەرۋىش قىلىش، بىر تۇتاش تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى يولغا قويدى. خوتەن ناھىيە لايقا يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى مەتتۇردى ئۆمەرجان مۇنداق دېدى: 1 مىليون يۈەنلىك يەرلىك شاپتۇلغا مەبلەغ سېلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىپ، كەنتتىكى شاپتۇللارنى ئومۇميۈزلۈك چاتاپ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوغۇتلاپ، كەنتلەردىكى يەرلىك شاپتۇللارنىڭ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2017- يىلىدىن ھازىرغىچە، يېڭىدىن كۆپەيگەن يەرلىك شاپتۇل كۆلىمى مىڭ موغا يەتتى.

 ئىلمىي ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، يەرلىك شاپتۇلنىڭ سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بولدى. 2020- يىلى يېزىدا يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىدىن ئالتىسى قۇرۇلدى، ھەر بىرىدە 50 توننا يېڭى شاپتۇل ساقلىغىلى بولىدۇ. ئېزىز سەيدۇللا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يەرلىك شاپتۇللارنى شۇ كۈنى ئۈزسەك، شۇ كۈنىلا سېتىۋەتمىسەك بولمايتتى، بولمىسا سېسىپ كېتەتتى. ھازىر يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇلۇپ بەك ياخشى بولدى، مەھسۇلات ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، ھەر كۈنى ئۈچ توننا شاپتۇل ئۈزۈپ، ئاۋۋال بۇ يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلاپ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كۈنلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن قەشقەر، ئۈرۈمچى، ئىچكى رايونلاردىكى شەھەرلەرگە ئەۋەتىدىغان بولدۇق.

 بۈگۈنكى كۈندە، لايقا يېزىسىدىكى يەرلىك شاپتۇل كۆلىمى 4 مىڭ 500 موغا يېتىپ، ھەر مو يەردىكى يەرلىك شاپتۇلدىن قىلىنىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئېزىز سەيدۇللا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق شاپتۇل سېتىپ، 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ پايدا ئالدىم، بۇ يىل تەخمىنەن 700 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك شاپتۇل ساتالايمەن، مەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە يەرلىك شاپتۇل ئۆستۈرۈپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىمەن.