بايىنغولىن ئوبلاستى <ئۈزۈم ھارىقى بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ> ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى
【发布时间】2021-04-25  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 4- ئاينىڭ 15- كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىگشىن بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئۈزۈم بازىسىدا، جياۋ جىچيەن ئىشچىلارنى تەشكىللەپ، بىيىش ئۈمىدى باغلانغان ئۈزۈم تاللىرىنى سۇغىرىپ، ئوغۇتلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بىر- بىرىگە بوي بەرمەي ئۆسۈۋاتقان ئۈزۈم تاللىرىدىن ياپيېشىللىققا پۈركەنگەن ئۈزۈمزارلىق باشقىچە ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىگە قاراپ، جياۋ جىچيەننىڭ چىرايىدا رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى، ئۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ ئۈزۈم تاللىرىنىڭ بۇ يەرنى يېشىللىق دېڭىزىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

▲ جياۋ جىچيەن شىنجاڭ «تيەنسەي» ھاراق قورۇقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئۇ 2015- يىلىدىن باشلاپ، بۇ بازىدا 2 مىڭ مو كۆلەمدىكى ئۈزۈمزارلىقنى باشقۇرۇپ كەلدى. ئەتىيازدا ئۈزۈم تېلىنى باراڭغا ئېلىشتىن، قىشتا باراڭدىن چۈشۈرۈپ چوڭقۇر كۆمۈشكىچە، ئۇ ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى پىششىق بىلەتتى. جياۋ جىچيەن: «بۇ ئۈزۈملەر-- كۆپچىلىكنىڭ <بېيىش مېۋىسى> ھەم <بەخت مېۋىسى>» دېدى. ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى-- بايراملاردا ياكى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەر جەم بولغاندا، ئۆزى تىككەن ئۈزۈمدىن ئېچىتىلغان ئۈزۈم ھارىقىنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە تېتىپ بېقىش ئىدى. ھەر يىلى كۈزدە، دانە- دانە پارقىراق كەلگەن، يوپ- يۇمىلاق تولغان ئۈزۈملەر ھاراق قورۇقىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ساپىقىدىن ئاجرىتىش، شىرنىسىنى چىقىرىش، ئېچىتىش قاتارلىق ھۈنەر- سەنئەت ئارقىلىق، نەپىس ئورالغان، تەمى ئۆزگىچە ئۈزۈم ھارىقىغا ئايلىناتتى.

▲ شىنجاڭ «تيەنسەي» ھاراق قورۇقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن لىجۇڭ تونۇشتۇرۇپ: «2020- يىلى، شىركىتىمىز ئېچىتقان ئەسلىي ئۈزۈم ھارىقى 500 توننىغا يېتىپ، 400 مىڭ بوتۇلكىغا قاچىلاندى، سېتىش سوممىمىز 2019-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشتى. 2019- يىلىدىن باشلاپ، ھاراق قورۇقىمىز «تيەنماۋ» سودا شەھەرچىسى، «جىڭدۇڭ» قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا توردا سېتىش يوللىرىنى ئاچتى. ئۈزۈم ھاراقلىرىمىز بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى» دېدى.

▲ چېن لىجۇڭ بۇرۇنلا ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. ئۇ 2020- يىلى 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ھاراق قورۇقىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، يېڭىدىن بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، بىر براندى سېخىنى كۆپەيتتى، يەنە 2 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق ھاراق گەمىسى ۋە 3 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئامبار، 4 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق ساياھەتچىلەر ھېس قىلىش مەركىزىنى كۆپەيتتى.

▲ چېن لىجۇڭ مۇنداق دېدى: «يەنجى ئويمانلىقىنىڭ ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈمىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى، بۇنىڭدىن كېيىن كەسىپ تەرەققىياتىدا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرىمىز. مۇھىمى بۇ رايوندىن چىقىدىغان ئۈزۈم ھارىقىنى كېڭەيتىمىز، يەنجى ئويمانلىقىنى «جۇڭگودىكى بوردو ئىشلەپچىقىرىش رايونى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز».

▲ شىنجاڭ تيەنسەي ھاراق قورۇقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى-- يەنجى ئويمانلىقى ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى دېيىشكە بولاتتى. يەنجى ئويمانلىقى-- ئەلا سۈپەتلىك ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتەك تەبىئىي شارائىتقا ئىگە، شۇنداقلا ئۈزۈم ھارىقى كەسىپى ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان دۇنياۋى ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرىدىغان ئالتۇن بەلباغ بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مول تارىخىي مەدەنىيەت ۋە ئۆزىگە خاس ساياھەت بايلىقى، تەرەققىياتنى تېزلىتىدىغان كەسىپ ئاساسىي، بەلگىلىك بازار تەرەققىيات بولۇشىغا ئىگە بولغانلىقى بىلەن، ئۈزۈم ھارىقى ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن جۇڭگودىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ بىرى دەپ تونۇلغانىدى.

▲ نۆۋەتتە، يەنجى ئويمانلىقىدا قۇرۇلغان 32 ھاراق ئىشلەپچىقىرىش قورۇقى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھاراق قورۇقى سانىنىڭ % 30 ئىنى ئىگەللەپلا قالماي، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ئىقتىدارى 80 مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنجى ئويمانلىقىنىڭ ئۈزۈم ھارىقى مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى مۇسابىقىلەردە 500 دىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بىر تۈركۈم داڭلىق ماركىلار بارلىققا كەلدى، مەھسۇلات سۈپىتى كەسىپى ساھە ۋە بازارنىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

▲ ئىگىلىنىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى كەلگۈسىدە سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، بازا قۇرۇلۇشى، داڭلىق ماركا يېتىشتۈرۈشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈزۈم ھارىقى قوشۇلغان» بىرىكمە كەسىپ ھالىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلار (ھاراق قورۇقلىرى) نىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئەندىزىسى تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللاپ، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، ئىستىراھەت ساياھىتى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مەدەنىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۈزۈم ھارىقى قورۇقلىرىنى بەرپا قىلىپ، يەنجى ئويمانلىقىنىڭ ئۈزۈم ھارىقى قورۇقلىرىدا ھېس قىلىش ساياھىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرىدىكەن.