ئاپتونوم رايونىمىز باغۋەنچىلىك، ساياھەتچىلىك قاتارلىق <ئون چوڭ كەسىپ> نى چۆرىدەپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە بايلىق ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ
【发布时间】2021-04-29  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

▲ بۇ يىل شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى (بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى) باغۋەنچىلىك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، نان، ئۈزۈم ھارىقى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق «ئون چوڭ كەسىپ» نى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چۆرىدەپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە بايلىق ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

▲ شىنجاڭ باغۋەنچىلىك، ساياھەتچىلىك، ئۈزۈم ھارىقى، نان قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپ بايلىقلىرىنى تولۇق قېزىپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىك، ئاشلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە بايلىق ئامبىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. جۇغراپىيەلىك بەلگە مەخسۇس كۆرسەتمىسىنى ئالماشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، بەلگە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇغراپىيەلىك بەلگىدىن پايدىلىنىش بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇغراپىيەلىك بەلگىگە يۈزلەنگەن كارخانىلاردىن بىر تۈركۈم ئەۋزەل كارخانىلار ۋە ئۈلگىلىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

▲ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلاتلار بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگىدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرىگە پائال ئىلتىماس قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلەن ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنى ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەتكە يېتەكلەپ، جۇغراپىيەلىك بەلگىلىك مەھسۇلاتلارنىڭ رايون كەسىپلىرىگە توپلىنىش، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ.

▲ ئاپتونوم رايون يەنە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىجادىيەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئون چوڭ كەسىپي» نى چۆرىدەپ، پاتېنت يول باشلاش قوللانمىسى يۈرۈشلۈك دۆلەت ئۆلچىمىنى ئومۇملاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئېگىزلىكىنى ئىگىلىشىگە ئىلھام بېرىپ، پەن- تېخنىكىدا غەلىبە قىلىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسايدۇ.

▲ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىنى تىزىملاپ قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھازىرغىچە، شىنجاڭدا جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلاتتىن 38 ى، جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىدىن 89 ى، قانۇنلۇق جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىشلەتكەندىن كارخانىدىن 176 سى بارلىققا كەلدى.

▲ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى (بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ خۇڭمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىدارىمىز بىڭتۈەننىڭ بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش ۋە تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» ئىمزالاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە «شىنجاڭ ياخشى جاي» جۇغراپىيەلىك بەلگىسىگە ئائىت كىچىك ھېكايىلىك مىكرو سىنلارنى توپلاش، باھالاش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يەر بەلگىسىگە ئالاقىدار ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر يەر بەلگىسى يېتىشتۈرۈش، بىر كەسىپ بەرپا قىلىش، بىر جايدىكى پۇقرالارنى بېيىتىش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ».