ياڭيۇ تېرىقچىلىقىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنى بېيىتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش
【发布时间】2021-05-07  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ھازىر دەل ياڭيۇ تېرىقچىلىق مەزگىلى. يېقىندا باركۆل ناھىيە شىرىنزا يېزا سەنشىلى گۈەنزە كەنتى 6- گۇرۇپپىسىدىكى ياڭيۇ تېرىقچىلىق بازىسىدا، ئىككى سىيالكا ئېتىزدا ئۇياقتىن- بۇياققا مۇكىدەك ئۆتۈشۈپ ياڭيۇ تېرىشقا باشلىدى.

 كەنت ئاھالىسى چيۇ جىنخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 500 مودىن ئارتۇق يەرگە بۇغداي، 700 مودىن ئارتۇق يەرگە ياڭيۇ تېرىدىم، ياڭيۇلارنى ئاساسلىقى كىراخمال زاۋۇتىغا تەمىنلەيمەن. ھازىر ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى يولغا قويدۇق، ئۈنۈمى يۇقىرى، ئۇرۇقلۇقنى دەل جايىغا سالىدۇ. ئۇرۇق سېلىش بىلەن بىرگە تېمىتىپ سۇغىرىش تاسمىسى يېيىتىپ، سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ، بارلىق مەشغۇلاتلارنى بىر قېتىمدىلا تاماملىيالايدۇ، ناھايىتى قولايلىق.

  «نۇڭفېڭيۈەن» كۆكتات تېرىقچىلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكى ۋاڭ ۋەنجيې بۇ توغرىدا: «بۇ يىل كوپىراتىپمىز مىڭ مو يەرگە ياڭيۇ تېرىشنى پىلانلىدى. ھەر كۈنى 50 چە كەنت ئاھالىسى بۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك ئىش ھەققى 130 يۈەنگە يېتىدۇ» دېدى.

  باركۆل ناھىيەسى تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يازدا سالقىن، كۈن نۇرى يېتەرلىك، ياڭيۇ ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان بولۇپ، كۇيسۇ بازىرى ناھىيە بويىچە نۇقتىلىق بەرپا قىلىنغان ئەلا سۈپەتلىك ياڭيۇ بازىسى ھىساپلىنىدۇ. 

  2013- يىلى قۇرۇلغان «خېخې» باقمىچىلىق كوپىراتىپى كۇيسۇ بازىرىنىڭ نەنۋەن كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، 2016- يىلىدىن باشلاپ يەر ئوبوروتى ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە ياڭيۇ تېرىشقا باشلىغان. بۇ يىل بۇ كوپىراتىپ 1 مىڭ 200 مو يەرگە ياڭيۇ تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھەممىسى كىراخمال تەركىبى يۇقىرى «داشىياڭ» (“大西洋”) سورتى ئىكەن.

  «خېخې» باقمىچىلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لى جىشى مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر كوپىراتىپىمىز 4 مىڭ 900 مو يەرگە ياڭيۇ تېرىغان. بۇ يىل بارلىق تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان يەرلەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ 1 مىڭ 200 مو يەرگە ياڭيۇ تېرىدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ «كېسەيدې» ياڭيۇچىلىق چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىمزالانغان زاكازقا ئاساسەن تېرىلغان بولۇپ، ئۇرۇقلۇقنى «كېسەيدې» ياڭيۇچىلىق چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن. مو بېشى مەھسۇلاتى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ئۈچ توننا ئەتراپىغا يېتىدۇ».

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل باركۆل ناھىيەسى بويىچە 20 مىڭ مو يەرگە ياڭيۇ تېرىش پىلانلانغان بولۇپ، «ئورۇنلاشتۇرۇشنى رايونلاشتۇرۇش، سورتنى ئەلالاشتۇرۇش، تېرىقچىلىقنى قېلىپلاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش» تەپەككۇرى بويىچە، يەر ئوبوروتى، كۆلەملەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىش، زاكازلىق سېتىش، ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياڭيۇ كەسپى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىكەن.

相关阅读