شىنجاڭ قومۇل: ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان پارنىك ئۆرۈكلىرى پىشتى
【发布时间】2021-05-18  作者:xirenay  来源:天山网

 ئاپتور: ساۋ شىنجيا

  4-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى قومۇل دېھقانلار بىرلەشمىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۈن نۇرى پارنىكىدىكى پىشقان ئۆرۈكلەر شاخلىرىدا ساڭگىلىدى، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھىرى كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق بولۇشتەك تەبىئىي مۇھىت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۆرۈك، شاپتۇل، بادام، ئەنجۈر قاتارلىق خاس مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت


相关阅读