ھەسەننىڭ ئۆيىگە <مەدەنىيەت ھويلىسى>دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلدى
【发布时间】2021-06-10  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

▲ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەسەن ئابدۇكېرىم سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈز- كۆزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يېڭى كۆينىكىنى ئالماشتۇرۋالدى. ئاندىن ھويلىسىدىكى گۈللەرگە سۇ قۇيۇپ سۇغىرىپ، بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە نەچچە رەت پاكىز تازىلاپ چىققاندىن كېيىن ھويلىسىدا ئۇياقتىن- بۇياققا ماڭغاچ ئۆز- ئۆزىگە: «بۈگۈن ھەقىقەتەن ئالاھىدە بىر كۈن، ھويلا ئىچى چوقۇم پاكىز، چىرايلىق بولۇشى كېرەك» دېگىنىچە ھويلا ئىچىگە يەنە بىر رەت كۆز يۈگۈرتتى. 

▲ ھەسەن تىلغا ئالغان بۇ ئالاھىدە كۈن-- يەكەن ناھىيە خاڭدى بازىرى بوۋاقۇم كەنتىدىكى «مەدەنىيەت ھويلىسى» نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇگۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە «مەدەنىيەت ھويلىسى» دىگەن ۋىۋىسكا ئىسىلاتتى. ھەسەننىڭ ھويلىسىغا كىرسىڭىز، ياغاچتىن ئېگىز ھەم پۇختا قىلىپ ياسالغان تال باراڭغا پاتماي ئاينىغان ئۈزۈم تاللىرىنى، باراڭ ئۈستىگە ئېسىلغان قىزىل پانۇس ۋە قاپاقتىن نەپىس ياسالغان ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ ھويلا ئىچىگە باشقىچە كەيپىيات قوشقانلىقىنى ھىس قىلىسىز. ئۇ يەنە كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە خېلى كۆپ تەشتەكلىك گۈللەرنى سېتىۋالغان بولۇپ، قىپ- قىزىل ئېچىلغان يېشىل يوپۇرماقلىق گۈللەر پۈتۈن ھويلىنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرغانىدى.

▲ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلىپ، رېپېتىتسىيە قىلغان نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. قىز- يىگىتلەر كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ ئۇسسۇل ئويناشسا، يەسلىدىكى كىچىك دوستلار ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينىدى. ئەڭ تەسىرلىك نومۇر-- خاڭدى بازىرىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ئورۇنلىغان قىزىل خور بولدى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى پاكىز ئاق كۆينەك كىيىشىپ، مەيدىسىگە پارتىيە ئىزنىكى تاقىغان بولۇپ، ياڭراق ناخشا ساداسى ئىچىدە روھى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقاندەك كۆرىنەتتى. گەرچە بۇ پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ھەر قېتىم مەشىق قىلغاندا رەسمىي ئويۇن قويۇۋاتقاندەك ھالەتتە رەتلىك تىزىلىپ، تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن مەشىق قىلاتتى.

▲ كۆلىمى 200 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ مەدەنىيەت ھويلىسىدا كىتاب ئوقۇش ئۆيى، كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش، گېزىت كۆرۈش، لېكسىيە سۆزلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ناخشا- ئۇسسۇل رېپېتىتسىيە قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايتتى. 

▲ ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان «مەدەنىيەت ھويلىسى» دېگەن ۋىۋىسكىنى سىلاۋاتقان ھەسەن شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:  «ھويلام كەنىتتىكى خېلى چوڭ ھويلا، يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى ئۆيۈمگە كېلىپ ئۇسسۇل ئويناشنى، پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوغلۇم ئۇسسۇلنى ياخشى ئوينايدۇ، يەنە دائىم بۇ يەردە باشقىلارغا ئۇسسۇل ئۆگىتىپ قويىدۇ. مەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلامغا كېلىپ ئۇسۇل، ناخشا مەشىق قىلىشىنى، كىتاب كۆرۈشىنى، كۆرۈنمە چاستوتا كۆرۈشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. بۇنداق بولغاندا ھويلام تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ».

▲ ئايگۈل بوۋاقۇم كەنتىدىكى ماھىر سەنئەتكارلاردىن بولۇپ، كۆپچىلىكنى ئۇسسۇل مەشىق قىلىشقا تەشكىللەيتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئېرىنمەستىن ئالاقىلىشىپ، كۆپچىلىكنى بىر يەرگە يىغاتتى. ئايگۈل كۈلۈمسىرىگىنىچە: «مۇشۇنداق ياخشى مەيدان بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللار بىلەن كۆپرەك نومۇر تەييارلاپ، يۇرتداشلارغا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق بېغىشلايمەن» دېدى.

相关阅读