لازا ماكانىدىكى شېرىن ئىشلار
【发布时间】2021-08-02  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 يېزا- كەنت يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى تۇتاش كەتكەن لازىلىقتا لازىلار پىشىپ شاخلىرىغا پاتماي قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان دېھقانلار كەمدىن- كەم كۆزگە چېلىقاتتى. يەنسىخەي بازىرى گۇداۋ كەنتىدىكى جاڭ گاۋفېڭنىڭ ((张高峰 ئېيتىشىچە، ھازىر ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ماشىنىلاشقاچقا، ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى ئېتىزغا بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوقكەن. بۇ يىل ئۇ 150 مودىن ئارتۇق يەردە لازا ئۆستۈرگەن بولۇپ، يىللىق كىرىمىنىڭ 300 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىنى مۆلچەرلىگەنىدى. ئۇ ئالدىنقى مەزگىلدە لازىلىرىنى قىسقا سىنغا ئېلىپ تارقىتىپ خىلى كۆپ مەستانىلەرنى جەلىپ قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە دوۋيىندا بىۋاستە كۆرسىتىپ، لازىنى قانداق ئۆستۈرۈش توغرىسىدا مەخسۇس سۆزلەشكە تەييارلىنىۋاتاتتى.

  جاڭ گاۋفېڭغا ئوخشاش لازا ئۆستۈرگۈچىلەر يەنسىخەي بازىرىدا ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، سۇ، تۇپراق بايلىقى ئۆزگىچە بولغاچقا، بۇ بازاردىن چىقىدىغان لازىلارنىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن باشلاپ، يەنسىخەي بازىرىدا لازا ئۆستۈرۈش باشلانغان بولۇپ، لازا ئۆستۈرۈش كۆلىمى 50 مىڭ مو ئەتراپىغا يېتىپ، ئۆستۈرۈش كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى لازا تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئىگەللىگەن. ھازىر 20 نەچچە خىل لازا سورتى بولۇپ، يىللىق يېڭى لازا مەھسۇلاتى 120 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە بازار تاپقان، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ يېرىمدىن ئارتۇقراقىنىڭ كىرىمى لازا تېرىقچىلىقىدىن كېلىدۇ.

  2013- يىلى يەنسىخەي بازىرى يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يەرلىرىنى پاي قىلىپ قوشۇشقا پائال يېتەكلەپ،يەنسىخەي بازىرىدا لازا ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدىغان «بوخەن» تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن لازا تېرىقچىلىقىنى يولغا قويۇپ، بازار خېيىم- خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. كوپىراتىپ يەنە يېڭى لازا سورتى، بىئولوگىيىلىك ئوغۇت قاتارلىقلارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، لازا مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يەنسىخەي لازىسىنىڭ «قىممىتى» نى باشقا جايلاردا ئۆستۈرۈلگەن لازىلاردىن %30 تىن كۆپرەك ئاشۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنسىخەي بازىرىدىكى لازىلىقتا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، ماشىنا ئاساسىي جەھەتتىن ئادەم كۈچىنىڭ ئورنىنى ئالدى. پەن- تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىشنى، تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ. لازا تېرىقچىلىقىدا لازا مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى، ئۆسۈملۈك ئاسراشتا ئۇچقۇ، سۇغىرىشتا تېمىتىپ سۇغىرىش، لازا ئۈزۈشتە لازا يىغىۋېلىش ماشىنىسى بولغاچقا، يەنسىخەي بازىرىدىكىلەر بۇرۇنقىغا ئوخشاش يەر تېرىمايدىغان بولۇپ قالدى. يەنسىخەي بازىرى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا تايىنىپ، لازا كەسپىنى يەنىمۇ زورايتىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتەكلەپ، شىنجاڭ «گۇاڭخەيجى» (广海记 ) يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، ساۋەن ناھىيەلىك «قۇياش نۇرى» يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق لازا پىششىقلاش كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا داڭلىق ماركا شەكىللەندۈرۈپ، لازىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئارقىلىق، پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى. يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ، توردا تونۇشتۇرۇپ تەشۋىق قىلىش، ئەمەلىي دۇكاندا سېتىش ئارقىلىق، لازا مەھسۇلاتلىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى چوڭ دۇكان، تاللا بازارلىرىغا ساتتى. كەسىپ زەنجىرىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى يەنسىخەي بازىرىدىكى دېھقانلارنى لازا ئېلىپ كەلگەن كۆپ خىل پايدىدىن بەھرىمەن قىلىپ، لازا كەسپىنى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، بېيىتىدىغان چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇردى.

相关阅读