ئۈجمە ئېچىتىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇش
【发布时间】2021-08-04  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيە تۇمشۇق بازىرى تۇمشۇق كەنتىدە ئۈجمە ھارىقى تىلغا ئېلىنسا، ھەممە ئادەم باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختىشىدۇ. بۇ ئىككى يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە- قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، تۇمشۇق كەنتى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۈجمە ھارىقى ئېچىتىش زاۋۇتى قۇردى، كەنت ئاھالىلىرى ئۈجمە ھارىقى ئارقىلىق بېيىش دەرۋازىسىنى چەكتى.

  ئۈجمە پىشىقى مەزگىلىدە تۇمشۇق كەنتىگە بارسىڭىز، ئۆيلەرنىڭ ئالدى- كەينى، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىكىلگەن ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ مەيىن شامالدا تارقاتقان خۇش پۇرىقى دىمىقىڭىزغا ئۇرۇلۇپ، سىزنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئۈجمە ھارىقى زاۋۇتىدا خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جاڭ گەنلېي (张干雷) ئىشچىلار بىلەن بىللە ھاراق قاچىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ، ھاراق ئېچىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. ئۈجمە ئۈزۈش مەزگىلىدە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە ئىشچىلار يىغىپ كېلىنگەن يېڭى ئۈجمىلەرنى سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، تىرىپلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، شىرنىسىنى ئېچىتىش باكىغا قۇيۇپ بەش ئايدىن كۆپرەك ئېچىتىپ، كىسلاتالىقىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق مەززىلىك، ساپ ئۈجمە ھارىقى ئىشلەپچىقىراتتى.

  تۇمشۇق كەنتىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاساسلىقى شال تېرىقچىلىقى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىغا تايىنىدىغان بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى نوقۇل بىرلا خىل، كىرىم يولى ئاز بولۇش كەنتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزچىل چەكلەپ كەلگەنىدى. بۇ بىر قانچە يىلدا تۇمشۇق كەنتى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كۆپ مەنبەلىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.2020- يىلى خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، كەنتتە مول ئۈجمە بايلىقى بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىمىنىڭ تاۋارغا ئايلاندۇرۇلۇپ سېتىلىدىغانلىقى، قالغان قىسمىنىڭ بېسىلىپ قېلىپ ئىسىراپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئەترىتى پائال ئېچىش لايىھەسى ئىزدەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  2020- يىلى 5- ئايدا تۇمشۇق كەنتى ئۈجمە ھارىقى زاۋۇتى قۇردى ھەمدە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىدى. ھاراق زاۋۇتىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، خىزمەت ئەترىتى ۋە ئارقا تىرەك بولىدىغان ئورۇنلار تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللىدى. مەھسۇلاتنى ئارىلىقتا سىناق قىلىشنى تېزدىن تاماملاپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى تېخنىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ھاراق ئېچىتىش سىنىقىنى قانات يايدۇردى ھەمدە دەرىجىگە ئايرىپ، سېتىۋالغان ئۈجمە شىرنىسىنى پۈتۈنلەي سۈنئىي ئۇسۇلدا يىغىپ، سىقىپ چىقىرىپ، يېمەكلىك تازىلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. شۇ يىلى 12- ئايدا، ھاراق زاۋۇتى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈجمە ھارىقى ئېچىتىش جەريانىدىكى سىناق دوكلاتى (ئارىلىقتىكى سىناق يەنى مەھسۇلات رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى سىناق) نى تاماملاپ، بۇ يىلدىن باشلاپ كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى. ھاراق زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈجمە ئۈزۈش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوراپ قاچىلاشتىن سېتىشقىچە مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى ئېچىلدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۈجمە ئۆستۈرۈش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بازار باھاسىدىن يۇقىرى باھادا ئۈجمە يىغىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۈجمە سېتىش يوللىرى مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ھاراق ئېچىتىش كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى قېزىپ يېتىشتۈرۈپ، ئۈجمە ھارىقى ئېچىتىش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. بازاردا سېتىش، ھاراق ئېچىتىش تېخنىكىسى، باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق شارائىتلار پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى ئۈجمە ھارىقى ئېچىتىش زاۋۇتىنى كەنت كوللېكتىپىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، كەنت كوللېكتىپى، كەنت ئاھالىلىرىگە ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم كىرىم كەلتۈردى.

  ئۈجمە ھارىقى تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە مىكرو ئېلېمېنت بولۇپ، بىر قەدەر ياخشى ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە، بازار ئىستىقبالى پارلاق. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تۇمشۇق كەنتى ۋە ئەتراپتىكى كەنت- بازارلارنىڭ مول ئۈجمە بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۈرلەر بويىچە يۆلەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى ئاشۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ياردەم بەردى.

相关阅读