لوپنۇر ناھىيە ئاقسۇپا يېزا يېڭى ئاۋات كەنتى كەپتەرچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بەردى
【发布时间】2021-09-15  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 لوپنۇر ناھىيە ئاقسۇپا يېزا يېڭى ئاۋات كەنت ئاھالىسى ئەزىمەتنىڭ ئۆرپ- ئادەت باغچىسىدا، شۇ جايدىن چىقىدىغان گۆش كەپتىرى، كۆكتاتلارنى ئاساسلىق يېمەكلىك ماتېرىيالى قىلغان تۈرلۈك قورۇمىلار ئىستىمالچىلارنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۆرپ- ئادەت باغچىسىنىڭ مەسئۇلى خەنساگۈل تۇردى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆرپ- ئادەت باغچىمىزدا كەپتەر تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشى دۇكىنىمىزنىڭ باچكا شورپىسى، باچكا كاۋىپى ۋە باچكا گۆشى لەغمىنىنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر باچكىنىڭ باھاسى 35 يۈەن بولۇپ، كۈنىگە 30 دىن 40 قىچە باچكا ساتقىلى بولىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇپا يېزىسى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كەپتەر باقمىچىلىقىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، كەپتەرچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلەشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئىلمىي باقمىچىلىق، تۈجۈپىلەشكەن باشقۇرۇش، سانائەتلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كوپىراتىپقا قاتنىشىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى بېيىتىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇردى. 

  ئاقسۇپا يېزىسى «شۈنيۈەن» 顺源 گۆش كەپتىرى كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى گاۋ جيې 高杰 مۇنداق دېدى: ھازىر كوپىراتىپىمىزغا ئون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئايلىق ئىش ھەققى 3 مىڭ يۈەندىن 5 مىڭ يۈەنگىچە بولىۋاتىدۇ. كوپىراتىپىمىز لوپنۇر ناھىيەسى ۋە كورلا شەھىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى بىر قانچە ناھىيە، شەھەردىكى ئاشخانا ۋە مېھمانخانىلارنى ھەر كۈنى 400 كەپتەر بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، جايىمىزدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزگىچە، مەززىلىك يۈرۈشلۈك باچكا تائاملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ يۆلەۋاتىمىز. كەنت ئاھالىلىرى كەپتەرلەرنى كوپىراتىپمىزدىن كىرىش باھاسى بويىچە سېتىۋالغاندىن كېيىن ئىنچىكە پىششىقلاپ سېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلەپ، كىرىمى ئېشىپلا قالماي، كوپىراتىپىمىزمۇ كەپتەر مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۋاتىدۇ.

  لوپنۇر ناھىيە ئاقسۇپا يېزىسى ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى ئۈزلۈكسىز قېزىش، كۆرگەزمە قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار مەدەنىيىتىنى سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈپ، «مەززىلىك تائام، مەدەنىيەت، ساياھەت» نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى يېڭى موتور قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ كۆپ ئېلېمېنت ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.