شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل يايلاقلارنىڭ بىرى-- قاراجول يايلىقى
【发布时间】2019-05-20  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

قاراجول يايلىقى-- قازاق تىلىدا «قارا مۇنبەت بىپايان چۆل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قاراجول يايلىقى شىنجاڭنىڭ غەربىي تيانشان تېغىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا ئۆتىدىغان ئۆتكۈنچى جايغا جايلاشقان. جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئەڭ چوڭ بەيگە مەيدانى «خان يايلىقى» جايلاشقان جاي، غەربىي يۇرتتىكى ئۇيسۇننىڭ يازلىق پايتەختى.

قازاق چارۋىچىلار ئەنئەنىۋى كۆچمەن چارۋىچىلىق ئادىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ھەر يىلى 200 مىڭ تۇياق چارۋا بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ سالقىندايدۇ. ئېكولوگىيەلىك تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، 2013- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

 قاراجولغا 15 كىلومېتىر كېلىدىغان تېكەس، ئۇيسۇن يولىدىكى چوڭقۇشتاي، يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ «ئەۋرىشكىسى»، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئېكولوگىيەلىك كۆچمەن چارۋىچىلىق مۇھىتى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش ئۇسۇلى 2010- يىلى دۆلەتنىڭ «داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت كەنتى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇنجى تۈركۈمدە نام بېرىلگەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كەنتى. بۇ كەنتتە ساددا، ئاق كۆڭۈل قازاق مىللىتى ئولتۇراقلاشقان، بۇ يەردە يەنىلا مىللىي ئۆرپ- ئادەت قويۇق قازاق كۆچمەن چارۋىچى مىللىتىنىڭ ئالاھىدە ياغاچ ئۆيلىرى ساقلىنىپ قالغان. ئەمدى شىنجاڭدىكى ئەڭ پارلاق يايلاقنىڭ بىرى بولغان قاراجون يايلىقىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىمىز.

 قاراجول يايلىقى تىپىك تاغلىق چىملىق تىپىدىكى ئوتلاق، قاراجول يايلىقىنىڭ يەر شەكلى ئېگىز- پەس، كۆرۈش دائىرىسى كەڭ، يايلاقتا 5- ئايدىن 9- ئايغىچە ياپيېشىل ئوت- چۆپلەر ئۆسۈپ كېتىدۇ، ياز پەسلىدە يامغۇر سۈيى مول، كۈن نۇرى يېتەرلىك، ياۋا گۈللەر يايلاقنىڭ ھەممە يېرىدە ئېچىلىپ كېتىدۇ. ھەر يىلى ئەتىياز، ياز پەسلىدە، يۈز خىل ئوت- چۆپ ئوخشىمىغان ۋاقىتتا تەرتىپ بويىچە ئېچىلىدۇ، رەڭگى، شەكلى، پۇرىقى ھەر خىل گۈللەر ياپيېشىل ئوتلاقنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ.

 قاراجول يايلىقى ئاسمىنىدىكى بۇلۇتلار گۈل چىچەكلەر ئېچىلىپ كەتكەن يايلاق بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. تاڭ نۇرى، كەچكى شەپەق، يامغۇردىن كېيىن تۇمان، سىزگە چەكسىز گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

 قاراجول ساياھەت رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1 مىڭ 300 مېتىردىن 3 مىڭ 900 مېتىرغىچە، ئەگەر شىزاڭ ئاسمان بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن جاي دېيىلسە، ئۇنداقتا، قاراجول بۇلۇتقا ئەڭ يېقىن جاي، ئېگىزلىكتىكى گۈل دېڭىزى. بۇ يەردىكى تاغ تىزمىلار كۆتۈرۈلۈپ پەسەيگەن، بىپايان قويۇق شەمشادزارلىق بار. تاغ چوققىسى بىر گەۋدە بولۇپ جەنۇبقا قىيسايغان ئېگىز سۇپا يەر شەكلىنى شەكىللەندۈرگەن، خۇددى بىر ئاسما يايلاققا ئوخشايدۇ. 

 قاراجولغا كەلگەندە قاراجۇل كۆلىنى كۆرۈشنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ.


 

قاراجۈن كۆلىنىڭ سۇ يۈزى 27 مىڭ مو، سەككىز قىرلىق شەھەردىكى ئەڭ چوڭ سۈنئىي كۆل. ئۇنى «تېكەس مەرۋايىتى» دېيىشكە بولىدۇ، كۆپچىلىك ئۇنى «سەككىز قىرلىق شەھەرنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردە بۇلۇت- تۇمان مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، كۆز يەتكۈسىز بىپايان زىمىن. ئۇنىڭ سۇ مەنبەسى مۇقەددەس تيانشان تېغىدىن كەلگەن، سۇ يۈزى ئەينەكتەك سۈزۈك، سۈيى ساپ، پاكىز، قۇياش نۇرى سۇ يۈزىگە چۈشسە، دولقۇنلاپ تۇرغان كۆل خۇددى ئالماستەك چاقناپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.

 بۇ يەرگە بىر قارىسىڭىزلا گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولىسىز، تاغ- دەريالار، كۆللەر كۆز ئالدىمىزدا بىراقلا نامايان بولىدۇ، مەيلى تاغنىڭ ئويمان- دۆڭلىرى، ئېگىز- پەسلىكى ياكى كۆل سۈيىنىڭ جىمجىتلىقى بولسۇن، كىشىگە بىر خىل ئىسىل ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

 ئەمدى بىز توققۇز ئەگمىلىك كۆكسۇ چوڭ جىلغىسىغا بارايلى. 

 كۆكسۇ جىلغىسىدىكى گۈزەل كۆكسۇ دەرياسى ئەگرى- بۈگرى بولۇپ، قىيالىرى تىك، يەر شەكلى خەتەرلىك، خۇكۇ شارقىراتمىسى، توققۇز ئەگرى- بۈگرى، تىمساھ قولتۇقى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. جىلغا ئارىسىدىكى دەريا سۈيى دولقۇنلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ، دەريا قولتۇقىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۈك- باراقسان ئۆسكەن، ئىس ۋە ئورمانلىقتىكى سۇس تۇماندا چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆيلىرى غۇۋا كۆرۈنۈپ، گۈزەل جىلغا مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

 ئوت- چۆپلەر بۈك- باراقسان ئۆسكەن، گۈللەر رەڭگارەڭ ئېچىلىپ كەتكەن، يانتۇ تەكشىلىك چەكسىز كەتكەن بولۇپ، خۇددى بىر پارچە گۈزەل يېشىل رەڭلىك گىلەمگە ئوخشايدۇ. بۇ قار- مۇز بىلەن قاپلانغان ئېگىز تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇنى كۆرگەن كىشىنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ. 6-، 7- ئايلاردا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، يايلاقتا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل دېڭىزىنى شەكىللەندۈرىدۇ.