ئامېرىكىغا ساياھەتكە چىققان مۈشۈكئېيىق «بەي يۈن» بىلەن «شياۋ لىۋۇ» يۇرتى سىچۈەنگە قايتىپ كەلدى
【发布时间】2019-05-20  作者:xirenay  来源:人民网

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو مۈشۈكئېيىق قوغداش تەتقىقات مەركىزىنىڭ دۇجياڭ توسمىسى چىڭچېڭشەن بازىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان مۈشۈكئېيىق «شياۋ لىۋۇ».

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۆ يۈبىن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 5-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر يۈلى) 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دىن 30دا، ئامېرىكىغا ساياھەتكە چىققان مۈشۈكئېيىق «بەي يۈن» نۆۋەتچى ئايروپىلاندا ئايرىلغىنىغا 23 يىل بولغان يۇرتى سىچۈەنگە قايتتى، مۈشۈكئېيىق «شياۋ لىۋۇ»مۇ ئانىسىغا ئەگىشىپ تۇنجى قېتىم يۇرتىغا قەدەم قويدى.

  ئايرودۇرۇمدا جۇڭگو مۈشۈكئېيىق قوغداش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مال دوختۇر مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن باقمىچىلار ئىككى مۈشۈكئېيىقنى دەسلەپكى قەدەمدە كۆزىتىپ، ئۇلاردا ئېغىر ئىنكاسچانلىق رېئاكسىيەسى يوقلۇقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئايرودۇرۇم خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇلارنى تىرانسپورت ئاپتوموبىلىغا يۆتكىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 1دە، تىرانسپورت ئاپتوموبىلى جۇڭگو مۈشۈكئېيىق قوغداش تەتقىقات مەركىزىنىڭ دۇجياڭ توسمىسى چىڭچېڭشەن بازىسىغا كىردى. باقمىچىلار مۈشۈكئېيىق «بەي يۈن» بىلەن «شياۋ لىۋۇ»نى سەۋرچانلىق بىلەن ئايرىپ كارانتىن قىلىش رايونىدىكى مۈشۈكئېيىق كاتەك ئۆيىگە باشلاپ كىردى، ئۇلار بۇ يەردە بىر ئاي ئايرىپ كارانتىن قىلىنىپ ئاندىن ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

  مۈشۈكئېيىق «بەي يۈن» چىشى بولۇپ، 1991-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو مۈشۈكئېيىق قوغداش تەتقىقات مەركىزىدە تۇغۇلغان. 1996-يىلى 9-ئايدا، «بەي يۈن» ئامېرىك سانتىياگو ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. مۈشۈكئېيىق «شياۋ لىۋۇ» ئەركەك، 2012-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇپ، «بەي يۈن» نىڭ 6-بالىسى.

5-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو مۈشۈكئېيىق قوغداش تەتقىقات مەركىزىنىڭ دۇجياڭ توسمىسى چىڭچېڭشەن بازىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان مۈشۈكئېيىق «شياۋ لىۋۇ».

5-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو مۈشۈكئېيىق قوغداش تەتقىقات مەركىزىنىڭ دۇجياڭ توسمىسى چىڭچېڭشەن بازىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان مۈشۈكئېيىق «شياۋ لىۋۇ».

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو مۈشۈكئېيىق قوغداش تەتقىقات مەركىزىنىڭ دۇجياڭ توسمىسى چىڭچېڭشەن بازىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان مۈشۈكئېيىق «شياۋ لىۋۇ». 

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو مۈشۈكئېيىق قوغداش تەتقىقات مەركىزىنىڭ دۇجياڭ توسمىسى چىڭچېڭشەن بازىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان مۈشۈكئېيىق «بەي يۈن». 

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو مۈشۈكئېيىق قوغداش تەتقىقات مەركىزىنىڭ دۇجياڭ توسمىسى چىڭچېڭشەن بازىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان مۈشۈكئېيىق «بەي يۈن». 

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى