شىنجاڭ ئىچىدىكى تۆمۈريول يول تورى قۇرۇلمىسىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇندى
【发布时间】2019-05-24  作者:umid  来源: 新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 شىنجاڭ ئىچىدىكى تۆمۈريول يول تورى قۇرۇلمىسىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى بازار ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، شەھەرلەر ئارا يولۇچىلار پويىزى ۋە ئېسىل ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.

 5-ئاينىڭ23 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن چۆچەككە قاتنايدىغان ئۈچ قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 30- كۈنى قاراماي- چۆچەك تۆمۈر يولىدا رەسمىي پويىز قاتناپ، چۆچەك شەھىرىگە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدۇ. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تۆمۈريول قۇرۇلىشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما لىن مۇنداق دېدى: قاراماي- چۆچەك تۆمۈريولىدا پويىز قاتنىشى لىنىيە بويىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغىمۇ پائال تۈرتكە بولىدۇ. چۆچەك- دۆربىلجىن ئويمانلىقىنىڭ قاتناش- تىرانسپورتىدىن ئىبارەت بۇ قىيىنچىلىق رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئۇزاققىچە چەكلەپ تۇردى. قاراماي- چۆچەك تۆمۈر يولىدا پويىز قاتنىغاندىن كېيىن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قېزىلما بايلىقى، لىنىيە بويىدىكى دۆلەت زېمىنى ۋە ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنى ئىلتىماس قىلىشىدىكى مۇھىم تىرەك.

 قاراماي- چۆچەك تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريولى «شىنجاڭنى تولۇق ئايلىنىش، شىنجاڭغا كىرىش- چىقىش تېز بولۇش» نىشانىغا ئاساسەن، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، يول تورى قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى. نۆۋەتتە، ئالتاي- كۆكتوقاي- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈر يولىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شىمالىي شىنجاڭدا جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈر يول تورى شەكىللىنىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا، شىنجاڭدىن چىقىدىغان 3- تۆمۈر يول-- گولمۇد- كورلا تۆمۈر يولىدا چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىگە رېلىس ياتقۇزۇلۇپ بولدى. تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈر يولىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكى بولغان خوتەن- چاقىلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى.

 تۆمۈريول يول تورى قۇرۇلمىسىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى بازار ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، يولۇچى توشۇش تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا شەھەرلەر ئارا يولۇچىلار پويىزى زور دەرىجىدە كۆپەيتىلدى. قىسمەن شەھەرلەر ئارا ئاممىۋى قاتناش شەكلىدە پويىز قاتنىدى. توشۇلغان يولۇچى سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 تىن كۆپرەك ئاشتى. جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇروھى چەكلىك شىركىتى بىلەت باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى سۇڭ چياڭ مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ، شەھەرلەر ئارىسىدىكى قىسقا ئارىلىققا يولۇچى توشۇش ئىقتىدارىمىز كۆرۈنەرلىك ئاشتى. مەسىلەن: ئۈرۈمچىدىن شىخەنزە، كۈيتۈن، قاراماي، كورلا قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىشتا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. قەشقەردىن يەكەن، كۇچادىن ئاقسۇ، قەشقەردىن- مارالبېشىغىچە بولغان ناھىيە دەرىجىلىك بۇ جايلاردا ئىلگىرى قاتنايدىغان پويىز يوق دىيەرلىك ئىدى. ئالاھىدە يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ھازىر ھەر ۋاقىت قاتنايدىغان پويىز بار.

 ھازىر، شەھەرلەر ئارا يولۇچىلار پويىزىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىن قارامايغا كۈنىگە يەتتە قېتىم پويىز قاتناپ، لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ سەپەر ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە قاندۇردى. ساياھەتچى چېن ئەپەندى مۇنداق دېدى: پويىز قېتىم سانى كۆپەيگەندىن كېيىن سىرتقا چىقىشىمىز كۆپ قولايلاشتى، تاللاش ئىمكانىيىتىمۇ كۆپ، پويىز كۆپەيسە بىزگە قۇلايلىق بۇلىدىكەن.

 شەھەرلەر ئارا يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلگەندىن باشقا، 2017- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈر يولى يولۇچى توشۇش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىش»، «سىرلىق ئاتەش ماكان»، «دۇنخۇاڭدا ئۇچرىشىش»، «جەنۇبىي شىنجاڭنى سەيلە قىلىش» قاتارلىق نۇرغۇن ساياھەت پويىزىنى يولغا قويدى. بۇ يىل يەنە تېخىمۇ كۆپ ئېسىل ساياھەت مەخسۇس پويىزى لىنىيەسى تەسىس قىلىدۇ. بۇ «جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى»، «شىمالىي شىنجاڭ بىلەن تۇرپان ئالىي دەرىجىلىك ساياھەت مەخسۇس پويىزى» نى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەخسۇس پويىزلاردا تۆت كىشىلىك يۇمشاق كارىۋاتلىق ئايرىمخانا ياكى بىر كىشىلىك ئايرىمخانا تەسىس قىلىنىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى ئازادىلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇروھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ تىڭفېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تۆمۈريولى شىنجاڭ ئىچى ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى كۆپەيتكەندىن باشقا، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، مەملىكەت بويىچە يولۇچىلارنىڭ شىنجاڭنى ئەركىن ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازارلار، بولۇپمۇ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق بىر قانچە چوڭ شەھەر بىلەن توختام ئىمزالىدۇق. ھازىر پويىزغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىدىغان بازار بارغانسېرى كېڭەيدى.

 «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق يولۇچىلار پويىزىدىن شەھەرلەر ئارا پويىزغىچە، لەنجۇ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدىن «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» نى يولغا قويۇشقىچە، شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى. ساياھەتچى لى خانىم پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، ھازىر ئۇ ھەر يىلى دوستلىرى بىلەن بىللە پويىزغا ئولتۇرۇپ سىرتقا ساياھەتكە چىقىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزدەك ياشقا چوڭىيىپ قالغانلارنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى بولمايدۇ. پويىزدا ئولتۇرساق بىخەتەر، راھەت، ئازادە ھىس قىلىدىكەنمىز.