خاس پۇقراۋى قونالغۇ شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى
【发布时间】2019-06-21  作者:xirenay  来源:新疆日报

6- ئاينىڭ 19- كۈنى، ساياھەتچىلەر باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ گاۋجياخۇ مەنزىرە رايونىدىكى فۇيۈەن پۇقراۋى قونالغۇسىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. خاس پۇقراۋى قونالغۇ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ئەڭ جەلپ قىلارلىق كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشتى

(داۋۇت رىشات فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئايدىكى تۇرپاندا قۇياشنىڭ تەپتى ئوتتەك قىزىق ئىدى، ئەمما پىژغىرىم ئىسسىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ «ئۈزۈم شەھىرى»نى ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنى قىلچە توسۇپ قالالمىدى. 6- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىغا جايلاشقان داپۇ ياشلار مېھمانخانىسىدا، تۆت - بەش چەت ئەللىك ساياھەتچى ھويلىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا سالقىندىغاچ پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئۇلار مېھمانخانىنىڭ ئاددىي، تەبىئىي دېھقان ئائىلىسى ئۇسلۇبىنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى.

داپۇ ياشلار مېھمانخانىسى ئىككى ئەنئەنىۋى دېھقانلار ھويلىسىنى ئۆزگەرتىپ ياسالغان بولۇپ، كۆك رەڭلىك ئىشىك - دېرىزىلەر بىلەن يېشىل رەڭلىك ئۈزۈملەر بىر - بىرىگە تۈس قوشۇپ كىشىنى زوقلاندۇراتتى. «مېھمانخانا بىرلا ۋاقىتتا 60 ساياھەتچىنى قوندۇرالايدۇ، بۇلتۇر 5000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانىدۇق.» مېھمانخانىنىڭ مەسئۇلى ليۇ بىڭجېڭ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ياتاققا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %50كە يەتتى، 7-، 8- ئايلاردا ياتاق تېپىش تەس بولىدۇ».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىدە يېڭىدىن 210دىن ئارتۇق پۇقراۋى قونالغۇ سارىيى قۇرۇلدى، 1460تىن ئارتۇق ياتاق يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. بۇلتۇر، تۇرپاندىكى ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرى جەمئىي 207 مىڭ 200 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، كىرىمى 29 مىليون 435 مىڭ يۈەنگە يەتتى، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئامىلى سىڭدۈرۈلگەن، رايون خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن پۇقراۋى قونالغۇلار شۇ جايدىكى پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى.

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى سىجىل جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىشقا يېڭى تەلەپ قويدى. ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ساياھەت قونالغۇ تەسىراتىنى بېيىتىشنىڭ يېڭى يولى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2092 ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى، 7978 ئېغىز ياتاق، 22 مىڭ 870 كارىۋات بار. 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرىدا جەمئىي 2 مىليون 973 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، 445 مىليون يۈەن كىرىم قىلىندى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى رايون ۋە مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە بايلىقلارنى چوڭقۇر قېزىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ پۇقراۋى قونالغۇلىرىغا يېڭى تەسىرات ۋە يېڭى قىممەت ئاتا قىلدى. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شۇ جايدىكى يۆلياڭدى كەنتى، شۇيموخې كەنتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەنتلەرنىڭ يۇرتنى سېغىندۇرۇش، ئەسلىتىشتەك ئۆزگىچىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەقىقىي يېزا - كەنت پۇرىقىغا ئىگە پۇقراۋى قونالغۇ بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئوخشاش بولمىغان يېزا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى. تېكەس ناھىيەسىدە، ئۆزگىچە جەزبىدارلىققا ئىگە قاراجون يايلاق مەدەنىيىتى پۇقراۋى قونالغۇغا كۆچۈرۈلۈپ، يېپيېڭى قىياپەتتىكى ئەنئەنىۋى كىگىز ئۆي ۋە يېڭى تىپتىكى زامانىۋى كىگىز ئۆيلەر نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كېلىپ ھېس قىلىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى. «ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىت» دېگەن نامى بار تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پۇقراۋى قونالغۇ تەرەققىياتىدا ئېگىزلىك مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈردى، قويۇق مىللىي ئۆرپ - ئادەت، ئۆزگىچە ئېگىزلىك مەنزىرىسى شۇ جايدىكى پۇقراۋى قونالغۇلارغا غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچى قوشتى.

شىنجاڭنىڭ ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ساياھەت كەسپىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى. تېكەس ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بەي يۈنيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يەرلىك ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى قاراجون يايلىقى، چوڭقۇشتاي ئەنئەنىۋى كەنتى، كۈرە ساياھەت كىچىك بازىرى قاتارلىق ساياھەت، مەدەنىيەت بايلىقىغا قويۇپ، يەتتە ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى توپلاشقان رايون بەرپا قىلدى. ھازىرغا قەدەر، بۇ ناھىيەدە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان پۇقراۋى قونالغۇ 247گە، پۈتۈن ناھىيەدىكى ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇ كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 2500دىن كۆپرەككە يەتتى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ساياھەت كەسپى ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىنى يېتىلدۈرمەكتە.