كۇچا ناھىيەسىنىڭ 9- نۆۋەتلىك ئاق ئۆرۈك مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى باشلاندى
【发布时间】2019-06-21  作者:xirenay  来源:新疆日报

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، «كۇچا ئاق ئۆرۈكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ» باش تېمىسىدىكى كۇچا ناھىيەسىنىڭ 9- نۆۋەتلىك ئاق ئۆرۈك مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «بەخت ئۆرۈكى تەكلىپى» «بەخت ئۆرۈكى ساياھىتى» «بەخت ئۆرۈكى ئۇچرىشىشى» «بەخت ئۆرۈكى مۇھەببىتى»دىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈر تەسىس قىلىنىپ، «ئۆرۈك بالىلىرى»نىڭ بەخت تىلەپ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشى، «ئاق ئۆرۈك» لوڭقىسى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ناخشا - ئۇسسۇل ئويۇنلىرى، ئۆرۈك مۇسابىقىسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى، تائام بايرىمى، ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، كۇچانىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مۇھىتى، ئادىمىيەت مەنزىرىسى ۋە مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئىپادىلىنىپ، پۈتۈن رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «قەدىمكى كۈسەن. يىپەك يولىدىكى كۇچا» ساياھەت - مەدەنىيەت سۈپەتلىك ماركىسى ئومۇميۈزلۈك يارىتىلىدۇ.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرى ئوخشاش بولمىغان سورتتىكى ئۆرۈك ھەم ئۈجمە، شاپتۇل قاتارلىق خاس ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كەلدى. ئاق ئۆرۈك، سېرىق ئۆرۈك، لازا ئۆرۈك، تويىن ئۆرۈكى، دارېزى ئۆرۈكى، لەنكۇمەي ئۆرۈكى قاتارلىق نەچچە ئون خىل ئۆرۈكنىڭ رەڭگى چىرايلىق، شەكلى ئۆزگىچە ئىدى. باھالىغۇچىلار ئۆرۈكنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە تەمىگە ئاساسەن، بۇ يىلقى «ئۆرۈك شاھى»نى باھالاپ چىقتى ھەم نەق مەيداندا كىمئارتۇق قىلىپ ساتتى.

شۇنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇكى، كۇچا ناھىيەسى بىلەن قاراماي شەھىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، كۇچا ناھىيەسى «ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق ئاق ئۆرۈكنى %100 يېڭى پېتى يەتكۈزۈش»تەك خاس مېۋە - چېۋىلەرنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئالاھىدە يولغا قويۇپ، كۇچانىڭ شېرىن تەملىرىنى تېخىمۇ كۆپ جايلارغا يەتكۈزىدۇ.

2014- يىلى، كۇچا ئاق ئۆرۈكى «دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇغراپىيەلىك بەلگە ئېتىراپنامىسى» بەلگىسىگە ئېرىشىپ، كۇچانىڭ ئۆرۈك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. نۆۋەتتە، كۇچا ناھىيەسىدە 95 مىڭ مو يەردە مېۋىگە كىرگەن ئۆرۈك دەرىخى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاق ئۆرۈك 60 مىڭ مودىن ئاشىدۇ، ھەر يىلى ئۆرۈك ھوسۇلى 100 مىڭ توننا ئۆپچۆرىسىگە يېتىدۇ. كۇچا ئاق ئۆرۈكى يارقىن شەھەر ئىسىم كارتىسىغا ئايلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، كۇچا دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە باغۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 168ى بار بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەتراپتىكى 27 مىڭ 800 ئائىلىلىك دېھقاننى يېتەكلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاق ئۆرۈك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئونى بار.