ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›» نى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ يىغىن ئاچتى
【发布时间】2019-06-22  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 6-ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›» نى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ سۆھبەتلەشتى ۋە كېڭەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. 

 توققۇز نەپەر ئەزا، مۇتەخەسسىس ۋە ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلىنى چۆرىدەپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، كەيپىيات يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» نى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «كىچىك ھاجەتخانا، چوڭ خەلق تۇرمۇشى». يېزىلاردىكى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» نى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش ــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، بۇ زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. 

 نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلاردا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» نى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، نۇرغۇن ئىجابىي تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكلىپ- پىكىر بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتەك قوش يۆنىلىشلىك ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يىغىندا شەكىللەنگەن ئورتاق تونۇش ۋە تەكلىپ- پىكىرلەرنى ۋاقتىدا خۇلاسىلاپ، كېڭىشىش تەكلىپى دوكلاتى شەكلىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىشىغا يوللاش كېرەك.