ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
【发布时间】2019-06-22  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنىدىن تۈنۈگۈن (6.21) گىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 سانجى ئوبلاستلىق ئاتمۇسفىرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قوماندانلىق مەركىزى زامانىۋىيلاشقان سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، رايون ھاۋا سۈپىتىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ ۋە كونترول قىلىپ، ئۆز رايونىدىكى بۇلغىمىلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلىپ، بۇلغىنىش مەنبەسىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، قوماندانلىق قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. شۆھرەت زاكىر قوماندانلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تىرىشىپ سىستېمىسى مۇكەممەل، نازارەت قىلىش دەل جايىدا، تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىلمىي بولغان مۇھىت كۆزىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مۇھىت كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. 

 شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي شەھەر ھاسىلىي سۇ زاۋۇتىدا، سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى ۋە زاۋۇتتىن چىققان سۇنىڭ سۈپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھاسىلىي سۇ زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھاسىلىي سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى ئىلمىي، ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنىڭ ئېكولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. 

 شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، «تۆت ئاڭ» نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈش؛ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، كۆك ئاسمان، زۇمرەت سۇ، پاكىزە تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكىرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى سىجىل چىڭ تۇتۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھىسامىدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.