​«جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول» دەپ نام ئالغان مايتاغ- كۇچا تاشيولى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىدا يېپيېڭى قىياپەت بىلەن نامايان بولدى
【发布时间】2019-06-22  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

نۆۋەتتە، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى تۈزەش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ئاياغلىشاي دەپ قالدى. بۇ قۇرۇلۇش 6- ئاينىڭ 30- كۈنى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغاندىن كېيىن، «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول» دەپ نام ئالغان بۇ يول دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىدا يېپيېڭى قىياپەت بىلەن نامايان بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

يېقىندىن بۇيان، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مايتاغ- كۇچا تاشيولىدا ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى تېز ئاشتى. مايتاغ- كۇچا تاشيولىدىكى ھەر بىر بۆلەكتە بىردىن يېڭىدىن ياسالغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى بار بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ يەرلەردە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ ئارام ئېلىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ، يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانغۇدەك ھوزۇرلىنالايدۇ. مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى تولۇق ئاياغلاشمىغان بولسىمۇ، يول بويىدىكى ئالدىن ياسىلىپ بولغان ئەسلىھەلەر ساياھەتچىلەرگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. جېجياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى چېن چى مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ماشىنا توختىتىش مەيدانى خېلىلا كۆپىيىپ، ماشىنا توختىتىش قولايلىق بولۇپ كېتىپتۇ. ھاجەتخانا ئەسلىھەلىرىمۇ بىر قەدەر تولۇق بوپتۇ. يول ئۇزۇن بولغاچقا، بىرەر يېرىم سائەت ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنى توختىتىپ دەم ئالساق، ھەممەيلەن يىنىكلەپ قالىدىكەنمىز. 

مايتاغ- كۇچا تاشيولى 1974- يىلى ياسالغان بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە تاشيولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 13 مىڭدىن ئارتۇق يول ياسىغۇچى ئوفىتسېر- ئەسكەر ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بەدىلىگە، ئېگىز تاغ جىلغىلار ئارىسىدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ يولنى ياساپ چىقتى. بۇ يول يەنە جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدىكى يول مۇساپىسىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، جۇڭگو تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتىرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ قالدى. 2008- يىلى، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، 2012- يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. ئىلگىرىكى 3- دەرىجىلىك شېغىل يول 2- دەرىجىلىك ئاسفالىت يولغا ئايلىنىپ، قاتناش شارائىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئاپتوموبىل سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مايتاغ- كۇچا تاشيولى-- مەملىكەت بويىچە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلار ئەڭ كۆپ كېلىدىغان سەرخىل ساياھەت لىنىيەسىگە ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن، تاشيول بويىدا ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولۇش كەمتۈكلۈكى يەنىمۇ گەۋدىلىنىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىيات ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ يىل 3- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى تۈزەش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. بۇ قۇرۇلۇش-- تاغ گەۋدىسىنىڭ گۈمۈرۈلۈشىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش، ئەخلەت تاشلاش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىندى. قۇرۇلۇش تۈر قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى لى يۈەن مۇنداق دېدى: بۇ قۇرۇلۇشتا، يېڭىدىن 33 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياسىلىپ، 1 مىڭ 500 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلدى. مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ھاجەتخانىدىن 19 ى، ئەخلەت ساندۇقىدىن 21 ى، ئەخلەت تۇڭىدىن 70 ى كۆپەيتىلدى. يول يۈزىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىز يەنە ئەخلەت توشۇش ماشىنىسى، يول سۈپۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىقلاردىن 16نى سەپلىدۇق. 

مايتاغ- كۇچا تاشيولى-- تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان مەنزىرە چوڭ يولى بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 561 كىلومېتىر كېلىدۇ. يول بويىدا يەنە چورما، نارات، بايىنبۇلاق، تىيانشان سىرلىق جىلغىسى قاتارلىق ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىلەر بار بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە «ھەر ئون چاقىرىمدا ئوخشاشمىغان مەنزىرە بولۇش، بىر كۈندە تۆت پەسىلنى ھىس قىلىش» تەك ئۆزگىرىشلەرنى كۆرەلەيدۇ. ھازىر مايتاغ- كۇچا تاشيولى-- ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرى كۆپلەپ بارىدىغان جايغا ئايلاندى. قۇرۇلۇشچىلار لىنىيە بويىدىكى تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇزۇلغان يول بۆلەكلىرىنى تۈزەپ بىر تەرەپ قىلدى، تاغدىكى ئۇششاق تاشلار ئاسان چۈشىدىغان يول بۆلەكلىرىگە مۇداپىئە تورى ئورنىتىپ، توسما تام ياساپ، بەلگە سىزىقلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇلۇش لايىھەسىنى تۈزۈشتە يەنە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ساياھەت كۆرسەتمىسى ئارقىلىق يېتەكلەش سىستېمىسىنى كۆپەيتتى. قۇرۇلۇش تۈرىنى لايىھەلەشكە مەسئۇل بولغان خۇ چاڭتاۋ مۇنداق دېدى: ئاسان گۈمۈرۈلىدىغان يول بۆلەكلىرىدىن سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش، ماي قاچىلاش پونكىتى، مۇلازىمەت رايونى، قونالغۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېنىق بەلگىسى بار بولۇپ، ساياھەت كۆرسەتمىسى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەر مايتاغدىكى باشلىنىش نۇقتىسىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىنلا، كۆڭلىدە سان بار بولىدۇ. ئېنىق بولغان ساياھەت پىلانى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ. 

بۇلتۇر، مايتاغ- كۇچا تاشيولىدا قاتناش ئېلىپ بېرىلغان مەزگىلدە، بۇ يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىل 495 مىڭغا، ساياھەتچىلەر تەخمىنەن 2 مىليونغا يېتىپ، تاق كۈنلۈك ئاپتوموبىل ئۆتۈش مىقدارى 10 مىڭدىن ئاشتى. بۇ يىل، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش-- لىنىيە بويىدىكى جايلارنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاستە تۈرتكە بولىدۇ. كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى-- مايتاغ- كۇچا تاشيولىدىكى توختاپ دەم ئالىدىغان ئوتتۇرا بېكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن زور تۈركۈمدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارنى كۈتىۋالىدۇ. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، يېمەك- ئىچمەك ۋە ياتاق كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. نارات بازىرىدا سەھرا ئارامگاھى ئاچقان خەن شۆ مۇنداق دېدى: مايتاغ- كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، تىجارەت سوممىمىز 2 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ 10 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدۇق. 

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى، قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، مايتاغ- كۇچا تاشيولى ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق ۋە ئازادە ساياھەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى تۈزەش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرىنى لايىھەلەشكە مەسئۇل بولغان خۇ چاڭتاۋ مۇنداق دېدى: تەبىئىي مەنزىرە، تارىخىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەرنى نامايان قىلىدىغان ساياھەت كارىدورىنى شەكىللەندۈرۈپ، «قاتناش بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش» جەھەتتە شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەت يولى 217- لىنىيەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى بەرپا قىلىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قاتناش بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. 


相关阅读