قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن بۇيان...
【发布时间】2019-06-23  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى: 

 شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىنىڭ كادىرى چاڭ چىڭ مەكىت ناھىيەسىنىڭ شىيىتدۆڭ يېزا يېڭى مەھەللە كەنتىدىكى نۇرىمانگۈل قايىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن بۇيان، تۇغقانلىرىغا ياخشى ئىش ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، تۇغقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى. ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇھەببىتىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. 

 مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى، چاڭ چىڭ تۇغقان يوقلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، نۇرىمانگۈل قايىمنىڭ ئۆيىگە كەلدى. بۇ ۋاقىتتا، نۇرىمانگۈل قايىم ئائىلىسىدىكىلەر كالا قوتىنىڭ تېمىنى قوپۇرىۋاتقان ئىدى. چاڭ چىڭ خىزمەتداشلىرىنى چاقىرىپ ياردەملەشتى ھەمدە بىر كۈن ۋاقىت ئىچىدە، تامنى قوپۇرۇپ بولدى. نۇرىمانگۈل قايىم مۇنداق دېدى: چاڭ ئاكام بىز بىلەن بىللە ئىشلەپ، تام قوپۇرىشىمىزغا ياردەملىشىپ، قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى. 

 بۇلتۇر 11- ئايدا، نۇرىمانگۈل قايىمنىڭ دادىسى كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەس بولۇپ قالغاندا، چاڭ چىڭ دوختۇرخانا تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، بوۋاينى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ داۋالىتىپ، بوۋاينىڭ كۆز كېسىلىنى ساقايتتى. چاڭ چىڭ تۇغقانلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، يەنە تۇغقانلىرىنى ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاننى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۈرۈمچىدىن قايتىپ بارغاندىن كېيىن، نۇرىمانگۈل قايىمنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن چاڭ چىڭ خۇشاللانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم كېلىپ، ئۆيدە نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھىس قىلدىم. يەرگە فارفور خىش ياتقۇزۇپتۇ، ئۆيلەرمۇ پاكىزە تۇرۇپتۇ. ئۆينىڭ تازىلىقىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بوپتۇ. 

 بۇ قېتىمقى تۇغقان يوقلاشتا، چاڭ چىڭ نۇرىمانگۈل قايىم بىلەن ھويلىنى ئوبدان پىلانلاپ، توخو ۋە قوي بېقىشنى مەسلىھەتلەشتى. بۇ، نۇرىمانگۈل قايىمنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، چاڭ ئاكامنىڭ ياردىمىدە، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن. ئۆز ئىقتىدارىمغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمەن، چاڭ ئاكامغا ھەقىقەتەنچىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. 

 تەرجىمان: مىھرىئاي  

相关阅读