جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قاراكېچىك يېزا بىنام كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
【发布时间】2019-06-23  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:  

 جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قاراكېچىك يېزا بىنام كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

 يېقىنقى مەزگىلدە، بىنام كەنتىگە جايلاشقان «تيەنيى» كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتى چەتئەلنىڭ بىر تۈركۈم كىيىم- كېچەك زاكىزىغا مال تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كەنتتىكى 100 دىن كۆپرەك ئايال ھەر كۈنى كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا كىيىم تىكىۋاتاتتى. بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى سالاپەت رېھىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كەنتتە كىيىم- كېچەك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئائىلە ئايالىدىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇم. جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا بۇ كىيىم- كېچەك زاۋۇتىنى قۇرۇپ بەردى، مەن ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇردۇم. بۇ يەردە ئاچا- سىڭىللار بىلەن بىرلىكتە، تېخنىكا، ماھارەت، ھۆنەر ئۆگىنىۋاتىمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. 

 «تيەنيى» كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شېڭ شيەنمىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر، شىركەت زاكىزىنىڭ %70 تى چەتئەلدىن كېلىۋاتىدۇ، مۇقىم زاكاز مىقدارى كەنت ئاھالىلىرىنى ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىۋاتىدۇ، كارخانىمىز كۆلەمنى يەنە داۋاملىق كېڭەيتمەكچى. ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مائاشى 1 مىڭ 500 يۈەندىن 2 مىڭ يۈەن ئەتراپىغىچە بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو تېلېگرافى ھازىرقى زاۋۇتنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى 300 گە يەتكۈزۈپ، 60 پىرسەنتتىن 70 پىرسەنتكىچە نامرات ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. 

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى كۈچلۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى قىلىپ، ھاۋالىلىك بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بازىرى ئېچىش، كۆكتات پارنىكى ياساش قاتارلىق تۈرلەرنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتىكى 163 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىدىن ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى. جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ۋاڭ جياڭبىن مۇنداق دېدى: 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ يېرى، قوي- كالىلىرىنى چوڭ ئائىلىلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، 1- كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، 2- كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەسلى ئېچىپ، بۇ خىل مۇلازىمەت كەسپى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 2- كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىشتىكى غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگەتتۇق. بىز يەنە بىنام كۆلى يېزا ئىگىلىك ئىستىراھەت تۈرى ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇردۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئەمەس، بىز ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نىشانىغا تېزرەك يېتىشنى نىشانلىدۇق.

تەرجىمان: مەمەت ئەۋەل

相关阅读