چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: باش تېما تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى يەنىمۇ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى
【发布时间】2019-06-23  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

▲ ئىستانسىمىز خەۋىرى:  

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى، يوپۇرغا ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئەمەلىي نەتىجە- ئۈنۈمىدە ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

▲ چېن چۈەنگو قەشقەر «رۇيى» پەن- تېخنىكا توقۇمىچىلىق كەسپى رايونى، «جاۋخۇا» ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، يوپۇرغا «ئالتۇن ئاشلىق» يېزا ئىگىلىك ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىدە كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، كارخانىلارنى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى پائال كېڭەيتىپ، بازار ئېچىشنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى. 

▲ قەشقەر داشۆسى «شىنچۈەن» مەكتەپ رايونىنىڭ مۇھىتى گۈزەل بولۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غەيرەت- جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. چېن چۈەنگو چەت ئەل تىلى شۆيۈەنىنىڭ دەرسخانىسىغا كىرىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈزتۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش، پەن- تەتقىقات، ئىدىيە، ئۆگىنىش، تۇرمۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ ئاساسى-- ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە. شۇڭا، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش، پەن- تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، تىنچ، ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. چېن چۈەنگو يەنە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: زىيالىيلار خىزمىتى-- پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى، پارتىيەنىڭ زىيالىيلار سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، زىيالىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، زىيالىيلارنى ھۆرمەتلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە بىلىمگە، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. 

▲ چېن چۈەنگو قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى دېھقانلار ھويلىسىدا كەنت ئاھالىلىرى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا مەسئۇللىرى بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ سەمىمىي پاراڭلاشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەكلىپ- پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئاساسىي قاتلامنىڭ 1- سېپىدە خىزمەت قىلىپ، ئائىلىسىنى ئويلىماي، كۆپچىلىككە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىغا چىن ھېسسىياتى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىن تەربىيەلەپ ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئىپتىخارلىق، شەرەپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك. 

▲ چېن چۈەنگو تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تاجىكئابات بازىرى نەۋئابات كەنتىگە بېرىپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلە دىناۋەر شادى بىلەن يۈسۈپ زايىرخان ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمى، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، كېسەل كۆرسىتىش- داۋالىنىش، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. 

 چېن چۈەنگو يەنە قەشقەر شەھىرىدىكى شىمالىي ياشلار يولى مەسچىتىدە، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە دىنىي ساھەدىكى زاتلارنىڭ ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوتتۇرا يول، توغرا ئېتىقاد، توغرا ھەرىكەتتە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلدى. 

▲ چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

▲ چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جېڭى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتەك ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»، كۆك نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش» نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى چىڭىتىپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز قەرەلىدە، ئومۇميۈزلۈك قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

▲ چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجە- ئۈنۈم بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. 

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى. 

 تەرجىمان: مەمەت ئەۋەل

相关阅读