ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
【发布时间】2019-08-22  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  8- ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى مەخسۇس ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ھەمدە خۇلاسە سۆزى قىلدى. 

  يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار پارتىيە تارىخى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى يىغىندا پىكىر ئالماشتۇردى. 

  شۆھرەت زاكىر كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىدىغان مەنىۋى كۈچنى قوبۇل قىلىپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، خەلققە بولغان مۇھەببەتتە چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك. 

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە يەنىمۇ چىڭ ساقلاش؛ پارتىيە تارىخى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» قا بولغان تونۇش ۋە چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق سادىقلىق ۋە ئېتىقادنى كۈچەيتىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، پاك بولۇپ، تارىخنى بىلىش ئارقىلىق پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىش ئارقىلىق ۋەتەننى سۆيۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، پارتىيەنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى دائىم ئەستە تۇتۇش؛ پارتىيە تارىخى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. «تۆت ئاڭ» نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، كۈندىلىك سۆز- ھەركەتتە نامايان قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىسى؛ باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پاك بولۇشنىڭ ئۈلگىسى؛ بۇرچىنى باشلامچىلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ ئۈلگىسىدىن بولۇش كېرەك. پارتىيە تارىخى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئىش قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى مۇكەممەل ۋە توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇن بېكىتىشىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشتە چىڭ تۇرۇش» نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجېنىنى زىچ چۆرىدەپ، «3نى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىردە تولۇقلىما بېرىش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+ 3+ 3+ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىدە مۇقىم بولۇش» نى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. 





相关阅读