ئېلېكتىرونلۇق سودا-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى
【发布时间】2019-08-22  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تۈرتكىسىدە، تۈركۈم- تۈركۈملىگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭدىن چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندى. ئېلېكتىرونلۇق سودا-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. 

  8- ئاي-- مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىدىغان مەزگىل. بۇ مەزگىلدە، پەيزىۋات ناھىيەسى بارىن بازىرى ئارا مەھەللە كەنتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى ئالىمجان ئابدۇكېرىمنىڭ سودىسىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. ئۇ مۇخبىرغا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى ئارقىلىق پەيزىۋات قوغۇنى بىلەن پەيزىۋات ئەينۇلىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بازىرىغا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە دۇكان ئېچىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئارقا- ئارقىدىن مال زاكاز قىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى نەچچە مىڭ يۈەن ئاشتى. كېيىنچە مەن يەنە بىر قىسىم تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، زاكاز مىقدارىنى كۆپەيتىمەن. 

  پەيزاۋات ناھىيەسى 2018- يىلى 9- ئايدا، دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بولدى. دۆلەت تۇنجى قاراردا 15 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ قوللىدى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، پەيزىۋات ناھىيەسى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 200 نەچچىنى قۇرۇپ، نامرات كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەيزىۋات ناھىيەسى يەنە ناھىيەدىكى 13 يېزا- بازاردا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، مەخسۇس ئەشيا ئوبوروت ئاپتوموبىلى سەپلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش يوللىرىنى ئاچتى. بۇنىڭدىن باشقا، پەيزىۋات ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزى يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى بازارلارنى يەنىمۇ ئېچىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى ياراتتى. پەيزىۋات ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تىجارەت مەسئۇلى خې دەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بىز ئىچكىرىدىكى بەزى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدۇق. يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىكى سودىگەرلەر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ يىراققا سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز تۈرلۈك يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىپ «جياشياڭمىي» ماركىسىنى يارىتىپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ كۆپ مىقداردا، ياخشى باھادا سېتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۇقرالارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتۇق. 

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى «يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسى» دەك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ئەشيا ئوبوروتى يەتكۈزۈش مەركىزىدىن 47 سى، يېزا- كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 2 مىڭ 500 گە يېقىنى قۇرۇلدى. «ئىككى مەركەز، بىر نۇقتا» تىن ئىبارەت يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى 7 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 14.11 پوئىنىت يۇقىرى بولدى. 

  ھازىر دەل ياڭاقنىڭ پىشىش مەزگىلى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە، يېڭى ياڭاقلار تۇنجى بولۇپ توردا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلدى. شۇ جايدىكى تور سودىگىرى ۋاڭ زىيى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېڭى ياڭاقنىڭ سېتىلغىنىغا ئون نەچچە كۈنلا بولدى. ھازىرغىچە ئىككى توننا ياڭاققا زاكاز ئالدۇق. خېرىدارلارمۇ توختىماي بىزنى مال سېلىشقا ئالدىرىتىۋاتىدۇ. توقسۇ ياڭىقىنىڭ دانىسى چوڭ، پوستى نېپىز، ماي تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، ئىچكىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. كېيىنكى مەزگىلدە، بىز يەنە بەش توننا يېڭى ياڭاق سېتىۋېلىشنى مۆلچەرلىدۇق. 

  چوڭ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە سودىسى ياخشى بولغان تور سودىگىرىنىڭ سانى 2 مىڭ 400 دىن، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانى 18 مىڭ ئادەمدىن ئاشقان، 2018- يىلى، توردىكى پارچە سېتىش سوممىسى 820 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى رايونى «تيەنماۋ» سودا شەھەرچىسى، «جىڭدۇڭ» سودا شەھەرچىسى، «يۈنجى» مىكرو دۇكىنى، «پىندودو» قاتارلىق 20 چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئورنى بىلەن مال تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىغان. 

  يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىياتى-- زور بىر تۈركۈم تورنى چۈشىنىدىغان، سېتىشنى بىلىدىغان يەرلىك ئىختىساسلىقلارغا موھتاج. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو (شىنجاڭ) نامرات رايونلارنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركىسىنى تونۇشتۇرۇش يەرمەنكىسىدە، بېيجىڭ «يىمۇتيەن شىننۇڭ» تور پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلىنىپ، «مىڭ ئادەم 100 مىليون يۈەن پىلانى» نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى شۈ جىيې مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىكى مەقسەت-- شىنجاڭدىكى مىڭ نەپەر دېھقان دىكتورنى يېتىشتۈرۈشكە ياردەم بېرىش؛ بىۋاستە كۆرسىتىش ئارقىلىق 100 مىليون يۈەنلىك مال سېتىشتىن ئىبارەت. بىز نامرات رايونلارغا ماكانلاشقان كارخانىلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش ئەندىزىسىنى قوللاندۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ سۇپىمىزدا ھاسىل قىلغان ھەرقانداق سودىسىدىن مۇلازىمەت ھەققى ئالماي، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بەردۇق. 

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاۋ شۈ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت سودا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى خىزمىتىنى تۇتقۇ قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيىلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئۈندىدار سودىسى قىلىشقا ئىرادە باغلىغان خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيىلەش ۋە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ياردەم بېرىدۇ. 


相关阅读