ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
【发布时间】2019-08-22  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 8- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن8-ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن تەبرىكلەش كېرەك. 

  خوتەن ناھىيەسى «باشلامچى كارخانا، بازا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە نامرات ئائىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈش» تەك ھەرىكەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، «لۈيۈەن» بىئو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قارا مور كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش، دېھقانلارغا پايدا تەقسىملەپ بېرىش، ئىش ھەققى كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش-- نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈپ تەدبىرى. ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. 

  چېن چۈەنگو خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسى دولان كەنتىدىكى كىيىم- كېچەك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا، ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقان دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، ئۇلارنى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئائىلىسىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. 

  2 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنغان خوتەن كىيىم- كېچەك، ئاياغ كەسپى ۋە ئۆي جاھازلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسپلەر رايونىدا، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەن، ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت بىنالىرى ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قەد كۆتۈرگەنىدى. چېن چۈەنگو قۇرۇلۇش مەيدانىغا كېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش؛ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك. 

  چېن چۈەنگو خوتەن شەھىرى گۈلباغ كوچا ئىش باشقارمىسى خەلق يولى مەھەللىسىدە، مەھەللە كادىرلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ھەر مىللەت ئاھالىسىنى زىيارەت قىلىپ، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە خەلققە قولاي مۇلازىمەت خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا كىچىك ئىش يوق. نۇرغۇن خىزمەت ئاساسىي قاتلامدا. مەھەللە-- ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشىنى مېھىر- مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.  

  چېن چۈەنگو يەنە خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسىدىكى توپچا مەسچىتىگە بېرىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنىي بىلىملىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلدى. 

  چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 1- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش؛ 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ۋە تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەپ قوغداپ، دېققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى داۋاملىق قۇيۇپ بىرىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «1+ 3+ 3+ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك. دىن خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش، قوغداش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى كۈچەپ قولغا كەلتۈرۈپ، دېققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» نى چىڭ تۇتۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش» نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى چىڭىتىپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى داۋاملىق ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى ئۆز قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

 

相关阅读