تۇرپان شەھىرى ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى
【发布时间】2019-08-23  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 تۇرپان شەھىرى قۇيۇق تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى ۋە مول ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ساياھەتچىلىكنى ئۆزىنىڭ گۈزەل نام كارتىسىغا ئايلاندۇردى. تۇرپان شەھىرى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىكىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساياھەت بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز بىرىكتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكتىكى يېڭى كەسىپ ھالىتى قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى.

 8- ئايدا، پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ قۇملۇقى مەنزىرە رايونىدىكى «يۇلتۇزلۇق ئاسمان» مېھمانخانىسى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. پۈتۈن سۈزۈك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى-- ساياھەتچىلەرگە كۈندۈزى ئېگىز- پەس قۇم بارخانلىرىنى كۆرسەتسە، كېچىسى كارىۋاتتا يېتىپ يۇلتۇز ساناش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بەردى. شەنشىلىك ساياھەتچى نيۇ يەنپىڭ توردا كۆرگەن ئۇچۇر بويىچە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ سىناپ باقماقچى بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەچتە ئۆيدىكىلەر بىلەن سىرتتىكى يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ، ئۆزگىچە كەيپىياتتا بولدۇم. ئائىلىدىكىلەر بىلەن قۇملۇقتا سەيلە قىلغاندا، غەربىي يۇرتنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ- ئادىتىنى ھىس قىلغىلى بولىدىكەن. ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان بۇ جايغا يەنە بىر قېتىم كەلگۈم بار.

 بۇ ئىككى يىلدا، قۇمتاغ قۇملۇقى مەنزىرە رايونى ئەسلىدىكى قۇملۇق مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش، قۇملۇقتا تۆگە مىنىش، دالىدا يۈرۈش قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، ساياھەت بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، ساياھەت تۈرلىرىنى بېيىتىپ، تىجارەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىدا توختاش ۋاقتىنى ئۇزارتتى. قۇمتاغ قۇملۇقى مەنزىرە رايونى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خې خەيشيا مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونىمىز يەنە «كېچىدىكى كىرورەن» ناملىق ئەمەلىي مەنزىرە ئويۇنى، گۈلخان كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇردۇق. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن 7- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 683 مىڭ 52 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %32.84 ئاشتى.

 بۈگۈنكى كۈندە، تۇرپان شەھىرىدىكى قۇمتاغ قۇملۇقى، تۇيۇق، كارىز، بۇيلۇق، يارغول قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر كۆپ بولۇپلا قالماي، يەنە مەنزىرە رايونى بىلەن يېزا- كەنتنى بىرلەشتۈرۈشنى يادرو قىلىپ، سەھرا ساياھىتى ئۆزگىچە بازىرى بەرپا قىلىش، يېزا- كەنت ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى يېزا- كەنت ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتىنى ھىس قىلىش زەنجىرى ئۇزارتىلىپ، سەھرا ساياھەتچىلىكى جانلاندۇرۇلدى ۋە كۈچەيتىلدى.

 قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش بىلەن داڭق چىقارغان تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىنىڭ شاڭخۇ كەنتىدە ئىلگىرى قاتناش قولايسىز ئىدى. 2015- يىلى بۇ جاي «قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش كىچىك بازىرى» قۇرۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ، يار بازىرى شاڭخۇ كەنتىدىكى قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش مەركىزىنىڭ غول يولى ۋە ئىككى تەرەپتىكى ئاھالىلار ئۆيلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى ۋە ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرىكى توپا يوللار ئاسفالت يولغا ئايلاندى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چۈنجە ئېلېمېنتلىرى سىڭگەن ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەر ئارقا- ئارقىدىن قەد كۆتۈردى. شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەزىلىرى سەھرا ئارامگاھى ئاچتى، بەزىلىرى ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى دۇكىنى ياكى قەھۋەخانا ئاچتى، يەنە بەزىلىرى ئۆزگىچە پۇخراۋى قۇنالغۇلارنى تەرەققىي قىلدۇردى. خۇبېيدىن كەلگەن ساياھەتچى چېن يادۇڭ مۇنداق دېدى: مەن تۇرپانغا كۆپ قېتىم كەلگەن، بىر قېتىملىقى بىر قېتىملىقىدىن ياخشى بولىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، بۇ قېتىم مەن ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ كەلدىم. ياشانغانلار بۇ يەردە قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنالايدۇ، بىز ياشلار بۇ يەردە دەم ئالالايمىز. بۇ يەردە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، قەھۋەخانا بار ئىكەن، كۆڭۈل ئاچىدىغان يەرنىمۇ تاپالايدىكەنمىز.

 شاڭخۇ كەنتىدىكى سابىر غالىپ مۇنداق دېدى: «قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش كىچىك بازىرى» قۇرۇلغاندىن كېيىن، كەنتىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. باشقا كەنتتىكى ياشلارمۇ كەنتىمىزگە كېلىپ ئىشلەيدىغان، تىجارەت قىلىدىغان بولدى. ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتىدۇ.

 ساياھەتچىلەرنىڭ خۇشال ۋە كۆڭۈللۈك ئوينىشى ئۈچۈن، تۇرپان شەھىرى يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدىكى ئىككىلىك كودىنى سىكاننېرلىسىلا ئۆز ئالدىغا ساياھەت قىلالايدىغان بولدى. بۇ يىل 5- ئايدا، تۇرپان شەھىرىدىكى ساياھەت ئايلانما لىنىيە ئاپتوبۇسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تۇرپان شەھىرىدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەنزىرە نۇقتىلىرى تۇتاشتۇرۇلدى. تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەن جىنچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1- ئايدىن 7- ئايغىچە، تۇرپان شەھىرىمىز جەمئىي 12 مىليون 78 مىڭ 100 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق. ساياھەت كىرىمى 11 مىليارد 632 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ھالدا %73.38 ۋە %78.82 ئاشتى. كەسىپ ھالىتىمىزنى بېيىتىپ، تۇرپاننىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدىكى داڭلىق ماركىلارنىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، ئومۇمىي بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز.

 تەرجىمان: مىھرىئاي   

相关阅读