ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى ئەمەلىي، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن، قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى
【发布时间】2019-08-23  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، مەسىلىلەرگە توغرا قاراشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتەك جاسارەت بىلەن مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تېپىپ چىقىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى توغرا ئىگىلەپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئەمەلىي، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن، قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

 قەشقەر شەھەر ئاھالىسى، 35 ياشلىق رەنا توختىماي يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، ئىششىش، قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى سەۋەبىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىغا كېسەل كۆرسۈتۈشكە كەلدى. دوختۇر ئۇنىڭغا تۇبېركۇليۇز بىلەن يۇقۇملانغان T ھۈجەيرىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

 رەنا مەمەت ھەق تاپشۇرماقچى بولۇپ، ھەق تاپشۇرۇش سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭغا: ياخشىمۇسىز، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىڭىزنى بېرىڭ. سىزنىڭ بۇ خىمىيەلىك تەكشۈرۈشىڭىز ئاتچوت قىلىنىدۇ، پۇل تۆلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، دېدى ھەم بۇ داۋالاش تۈرىنىڭ تولۇق ئاتچوت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رەنا مەمەت مۇخبىرغا: بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، دېدى.

 تۇبېركۇليۇز بىلەن يۇقۇملانغان T ھۈجەيرىنى تەكشۈرۈش- ئىلگىرى ئىزچىل تەكشۈرۈش ھەققىنى بىمارلار ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان تۈر بولۇپ، تەكشۇرۇش خىراجىتى بىر قەدەر يۇقىرى ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى باش تېما تەربىيەسىدە، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نى چىڭ تۇتۇپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى داۋالاش تۈرلىرىنى بىر- بىرلەپ دەلىللەپ، خىراجەتنى ھىسابلاپ چىقتى. ناھايىتى تېزلا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تۇبېركۇليۇز بىلەن يۇقۇملانغان T ھۈجەيرىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون تۈرلۈك تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى داۋالاش تۈرىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، «ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ھەققىنى %100 بويىچە ئەمەلىي ئاتچوت قىلىش، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى %90 بويىچە ئەمەلىي ئاتچوت قىلىش» نى ئىجرا قىلىشنى بېكىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى تەمىنات كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى فۇ يۇڭجۇڭ مۇنداق دېدى: ئون تۈرلۈك تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى تەكشۈرۈش تۈرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇبېركۇليۇز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى 600 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇ يەنە ئاساسىي داۋالىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دورا يۈكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى قىيىن نۇقتا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى باشتىن- ئاخىر باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلدى. ھەر قايسى باشقارما، ئىشخانىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ، تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىشنى چىڭ تۇتتى. ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى تەمىنات كاپالىتى باشقارمىسى تەكشۈرۈپ چىقىلغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاممىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100 كە يەتمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا، نامرات ئاممىنى دەل جايىدا بېكىتىش، دەل جايىدا ياردەم بېرىش، دەل جايىدا سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش نىشان- ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملىدى.

 داۋالاش كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» تەك قىيىن مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. داۋالاش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

 - ياخشىمۇسىز، بالىلار بۆلۈمى قانچىنچى قەۋەتتە؟ 

 - بالىلار بۆلۈمى داۋالاش ئۆيى ئامبۇلاتورىيە كېسەلخانىسى ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ 2- قەۋىتىدە.  

 مۇشۇ ئاينىڭ 20- چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبۇلاتورىيە زالىدا، كېسەل زو رۈيزې يېتەكچى ماشىنا ئادەم ئارقىلىق بۆلۈمنىڭ ئورنىنى بېكىتتى. ئۇنىڭ دادىسى زو لۇڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، بۇ يېتەكچى ماشىنا ئادەم ناھايىتى قولايلىقكەن، كېسەللەرنىڭ دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىلىپتۇ، كىچىك دوستلار ئۆزى كەلسىمۇ قايسى بۆلۈمگە كۆرۈنۈشنى بىلەلىگۈدەك.

 ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى دوختۇرخانىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك بۆسۈش بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، كومىتېتقا بىۋاستە قاراشلىق داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، توردا توپلاش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ تۈزىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى يەنە باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ چىقىلغان تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىل، تېببىي دورا سېتىۋېلىش- سېتىش، داۋالاش مۇلازىمىتى، داۋالاش مەمۇرىيىتى، داۋالاشنى باشقۇرۇش قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى كۆپ قېتىم مەخسۇس يىغىن ئېچىپ تەتقىق قىلىپ، لايىھە تۈزۈپ مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى دوختۇرلارنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى فېڭ دۇڭ مۇنداق دېدى: داۋالاش- ساقلىق ساقلاش، كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە «توققۇزغا يول قويماسلىق» نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاشتىكى ئالدامچىلىق، ساختا تەشۋىقات، قالايمىقان ھەق ئېلىش، ئالداپ كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق داۋالاش قالايمىقانچىلىقلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، كەسىپ مۇھىتىنى ساپلاشتۇرىمىز.

 ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۈرلۈك مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 682 نى توپلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 601 نى بېجىرىپ بولدى، 81 مەسىلە يىپ ئۇچىنى جىددىي بېجىرىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە بىز ئالدىنقى باسقۇچلۇق تۈزەشتە بايقالغان مەسىلە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، تۈزىتىش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ھەر بىر يىپ ئۇچىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەيمىز. پۇخرالارغا مەخسۇس تۈزەشنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھىس قىلدۇرۇپ، پۇخرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمىز.

 تەرجىمان: ئامىنە   

相关阅读