2019- يىللىق بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ «شىنجاڭ كۈنى» پائالىيىتى باشلاندى
【发布时间】2019-09-17  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

  ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

  2019- يىللىق بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ «شىنجاڭ كۈنى» پائالىيىتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. 

 ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان «شىنجاڭ كۈنى» پائالىيىتىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» باش تېما قىلىنىدىغان بولۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش، سودا سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەتچىلىكنى ..... تەشۋىق قىلىش ھەمدە ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارغا شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، بولۇپمۇ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى ۋە مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دوستلارنى شىنجاڭغا كېلىشكە، شىنجاڭنى چۈشىنىشكە، شىنجاڭنى سۆيۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ.

 شۆھرەت زاكىر تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، تاغ- دەريالىرى ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل، مەنزىرىسى ئۆزگىچە، مەدەنىيىتى پارلاق بولۇپ، «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى»، «مېۋە- چېۋە ماكانى» قاتارلىق گۈزەل ناملىرى بار. شىنجاڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسمىنى كۆك، تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق تەسۋىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى. 

 شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى شىنجاڭ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا، تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇنبەت زېمىنغا ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى سۇپا، «شىنجاڭ كۈنى» پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ياخشى تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق ئېچىشقا تىرىشىمىز. 

 بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لۇ يەن، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى چېن جيەنئەن، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ دۇڭشېڭ ئايرىم- ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 

 باشلىنىش مۇراسىمىدا «ئانار چېچەكلىدى»، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»، ....«جۇلا»... قاتارلىق شىنجاڭچە ئالاھىدىلىك ۋە قويۇق ئالاھىدىلىككە ئىگە ناخشا- ئۇسسۇل، چالغۇ ۋە مۇزىكا نومۇرلىرى ئورۇندىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارغا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى نامايان قىلىندى ھەم تاماشىبىنلار ئۈچۈن بىر مەيدان ئېسىل مەدەنىيەت زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى.

 روسىيە، قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىلىرى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە كارخانا ۋەكىللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 

تەرجىمان: مەدىنە 

相关阅读