ئاپتونوم رايوننىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
【发布时间】2019-09-17  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

  ئىستانسىمىز خەۋىرى: 

 9-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىش كېرەك. 

 يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى-- پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يېڭى دەۋردە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. 

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بۇرچنى ئادا قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. 

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئاساسىي پىرىنسىپنى ئىگىلەپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. 

 بىرىنچىدىن، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. سىياسىي ئورگان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئورگاننىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى قىلىش ۋە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادە ۋە سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىشىمىز كېرەك. ئىدىيەدە، سىياسىيدا ۋە ھەركەتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ئىشلاردا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك. 

 ئىككىنچىدىن، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تولۇق ئۆگىنىش، چۈشىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ۋاقتىدا ئەگىشىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، سەمىمىي ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مۇتلەق سادىق بولۇپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. 

 ئۈچىنچىدىن، تەشكىلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەپ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي خاسلىق ۋە سىياسىي فۇنكسىيەنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ۋە قاتتىق سىناقلارغا ئومۇميۈزلۈك بەرداشلىق بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنى شانلىق بايراققا، ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. 

 تۆتىنچىدىن، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئورگانلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئىنتىزامىنى چىڭىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەر بىلەن باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزەشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تۈزەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پارتىيە قائىدىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بىلەن ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا يېڭى ئۆزگىرىش ۋە يېڭى كەيپىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بەشىنچىدىن، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى يېتەكچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشتەك روھىي ھالەت، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلى، تېخىمۇ سادىق ۋە قەتئىي بولۇشتەك مەسۇلىيەت ئېڭى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. 

  چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چىڭ، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىشى؛ تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شۇجى تۇتۇش، شۇجىنى تۇتۇش» تا چىڭ تۇرۇشى؛ ھەر قايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى؛ تۈزۈم، قوشۇن ۋە خىزمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنى تولۇق ۋە كۈچلۈك سەپلەپ، تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەت ۋە مۇھىم تۈزۈملەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. 

  سۈن جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۇتقۇ ئارقىلىق يېتەكلەشنى چىڭ تۇتۇپ، «ئۈچتە ئۈلگە بولۇش» نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) لار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ۋە ئادا قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، باشقۇرۇش ۋە قاتتىق باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەقىقىي باشقۇرۇپ ۋە ھەقىقىي قاتتىق باشقۇرۇپ، دائىم باشقۇرۇپ ۋە دائىم قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. 

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. 

 تەرجىمان: مىھرىئاي 

相关阅读