جاڭ فۇچۈەن چارۋىچىلىق رايونىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، 30 نەچچە يىل خىزمەت قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تىۋىتلىق ئۆچكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە كېڭەيتىشكە كۈچ چىقاردى
【发布时间】2019-09-18  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

 ئاقسۇ ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ فۇچۈەن چارۋىچىلىق رايونىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، 30 نەچچە يىل خىزمەت قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تىۋىتلىق ئۆچكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە كېڭەيتىشكە كۈچ چىقاردى. ئۇ باشلامچى بولۇپ قۇرغان ئەلا نەسىللىك قوي- ئۆچكە يېتىشتۈرۈش بازىسى شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

 ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ «ساۋاپچى» چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى چارۋىچى ئالىم ھەسەن 400 تىۋىتلىق ئۆچكە باقتى. ئالىم ھەسەن مۇنداق دېدى: بۇ تىۋىتلىق ئۆچكە ئائىلىمىزنىڭ گۆھىرى. ئىلگىرى بىر ئۆچكىدىن 250 گىرامدىن 300 گىرامغىچە تىۋىت چىقاتتى. ھازىر، بىز باققان تىۋىتلىق ئۆچكىنىڭ ھەر بىرىدىن 450 گىرامدىن 500 گىرامغىچە تىۋىت چىقىۋاتىدۇ. بىز يەنە بىر يىلدا 90 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىۋاتىمىز. 

 ئالىم ھەسەن بېقىۋاتقان تىۋىتلىق ئۆچكە جاڭ فۇچۈەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان تەتقىق قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئەلا نەسىللىك ئۆچكە ئىدى. 1986- يىلى جاڭ فۇچۈەن غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى پۈتكۈرگەندىن كېيىن، دېڭىز يۈزىدىن 2 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى «ساۋاپچى» چارۋىچىلىق مەيدانى «بەيخۇتەي» تىۋىتلىق ئۆچكە تەجرىبە پونكىتىغا بېرىپ خىزمەت قىلدى. جاڭ فۇچۈەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تەجرىبە پونكىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى يول ئاچقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاغ باغرىدا قوتان سېلىپ، بۇلاق سۈيىنى باشلاپ كۆچەت تىكىپ، ئەسۋاب- ئۈسكۈنىلەرنى ئورناتتى ھەم بۇ تەجرىبە پونكىتىدا ماكانلىشىپ يىلتىز تارتتى. جاڭ فۇچۈەن مۇنداق دېدى: تىۋىتلىق ئۆچكە تەتقىقاتىنى چوقۇم ئۆچكە بار جايدا ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. دەسلەپتە بۇ يەردە سۇ ۋە توك يوق بولۇپلا قالماي، ئادەملەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى ھەمدە بىردىنبىر قاتناش قورالىمىز ئېشەك ئىدى. بىز سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ئۈچۈن، ھەر بىر قوتانغا باراتتۇق، بەزىدە تېخى ئۆچكە قوتىنىدا يېتىپ قالغان ۋاقىتىلىرىمىزمۇ بار.  

 تەجرىبە پونكىتىدە خىزمەتنىڭ پەسىلچانلىقى ئېنىق بولغاچقا، ئۆچكىلەرنىڭ تۆللەش مەزگىلى ۋە تىۋىت ئېلىش مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جاڭ فۇچۈەننىڭ خىزمەتداشلىرى تاغدىن چۈشۈپ كېتەتتى. ئەمما، جاڭ فۇچۈەن دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاغدا قېلىشنى تەلەپ قىلاتتى. 2002- يىلى تىۋىتلىق ئۆچكە نەسلىنى يېتىشتۈرۈش تەتقىقات تېمىسى ئۈچۈن، جاڭ فۇچۈەن كۈندۈزى ئۆچكە- قوي پادىسىغا ئەگىشىپ تەپسىلىي كۆزەتسە، كەچتە تەجرىبىخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ، سېلىشتۇرۇپ تەجرىبە قىلدى، 280 كۈن تاغدا تۇرۇپ ئۆيىگىمۇ قايتمىدى. جاڭ فۇچۈەن تۇيۇقسىز ئەھۋال يۈز بەرگەندىمۇ ھەمىشە ئۆچكىلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قوياتتى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ئالىي چارۋىچىلىق تېخنىكى ئەخمەت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: جاڭ فۇچۈەننىڭ مۈرىسى ئاغرىيدىغان كونا كېسىلى تىۋىتلىق ئۆچكىنى قۇتقۇزۇشتىن پەيدا بولغان. بىر كۈنى تۇيۇقسىز قارا يامغۇر يېغىپ كەتكەندە، جاڭ مۇدىر ئۆچكىلەرنى قۇتقۇزۇۋېتىپ، ئۆزى تۇيۇقسىز تېيىلىپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشۈپ، مۈرىسى يارىلانغان. 

 تىۋىتلىق ئۆچكىنى ئىلمىي تەتقىق قىلىش جەريانىدا، جاڭ فۇچۈەن نۇرغۇن قىيىنچىلىققا يولۇقتى. دەسلەپتە چارۋىچىلار تىۋىتلىق ئۆچكە باقمىچىلىقىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن دەپ قارىغاچقا، بۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالىمىدى. بۇنىڭ بىلەن، جاڭ فۇچۈەن تاغقا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئائىلىمۇ- ئائىلە سەپەرۋەرلىك قىلدى.

 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جاڭ فۇچۈەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئون نەچچە تۈرلۈك مۇھىم، زور پەن تەتقىقات تېمىسىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جاڭ فۇچۈەن يېتىشتۈرگەن جەنۇبىي شىنجاڭ تىۋىتلىق ئۆچكىسى ئاپتونوم رايوننىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ جاڭ فۇچۈەن يەنە ئاقسۇدا يىلىغا 1 مىڭ 300 ئەلا نەسىللىك ئۆچكە يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇردى. تىۋىتلىق ئۆچكىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى 10 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرۇپلا قالماي، تىۋىت دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى 40 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇردى. جاڭ فۇچۈەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە «ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. جاڭ فۇچۈەن مۇنداق دېدى: كومپارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى بىرلا ئادەمنى ئەمەس، بەلكى بارلىق دېھقان- چارۋىچىلارنى ۋە بارلىق كىشىلەرنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. 

 تەرجىمان: مەدىنە