جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئابىدىسى
【发布时间】2019-10-05  作者:mikray  来源:新疆日报

مۇنداق بىر تۆمۈريول بار، ئۇ شەرقتە تانزانىيەنىڭ پايتەختى دارېس سالامدىن باشلىنىپ، غەربتە زامبىيەنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدىكى كاپىرىمبوسچقىچە سوزۇلغان بولۇپ، «يەر شارىنىڭ تاتۇقى» − شەرقىي ئافرىقا چوڭ جىلغىسىدىن ھالقىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1860.5 كىلومېتىر. شەرقىي ئافرىقا بىلەن ئوتتۇرا جەنۇبىي ئافرىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ چوڭ غول لىنىيە تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولى دەپ ئاتالغان بولۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئابىدىسى.

تانزانىيە بىلەن زامبىيە 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىكى ئافرىقا مىللىي ئازادلىق دولقۇنىدا يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر. لېكىن، بەزى دۆلەتلەرنىڭ قامال قىلىشى سەۋەبىدىن، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھايىتى زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تانزانىيە، زامبىيە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى دۇنيادىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە ئىككى دۆلەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈريولنى ياردەم قىلىپ ياساپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن.

1965- يىلى 2- ئايدا، تانزانىيە زۇڭتۇڭى نىيرېرې جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. ليۇ شاۋچى بىلەن جوۋ ئېنلەي نىيرېرې بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق بىلدۈرگەن: جۇڭگو ھۆكۈمىتى تانزانىيەدىن زامبىيەگە بارىدىغان تۆمۈريولنى ياردەم قىلىپ ياساپ بېرىشكە قوشۇلىدۇ. ماۋ زېدۇڭ نىيرېرېغا مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىڭلار بار، بىزنىڭمۇ قىيىنچىلىقىمىز بار، لېكىن سىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىڭلار بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ تۆمۈريولىنى ياسىمىساقمۇ، سىلەرگە ياردەم قىلىپ بۇ تۆمۈريولنى ياساپ بېرىمىز. 1967- يىلى 6- ئايدا، زامبىيە زۇڭتۇڭى كائۇندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، جۇڭگو بىلەن تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىنى ياساشقا ئالاقىدار ئىشلارنى كېڭىشىپ پۈتۈشكەن. شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، جۇڭگو، تانزانىيە، زامبىيە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بېيجىڭدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى، زامبىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىنى ياساش توغرىسىدىكى كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان. كېلىشىمدە مۇنداق بەلگىلەنگەن: جۇڭگو ئۆسۈمسىز، ھېچقانداق شەرت قويۇلمىغان قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىپ، بۇ تۆمۈريولنى ياسايدۇ، باشقۇرىدۇ، رېمونت قىلىدۇ، تېخنىكلارنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ.

1968- يىلى 5- ئايدا، جۇڭگو چارلاش خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، ئىنتايىن ناچار تەبىئىي مۇھىتتا پۈتۈن لىنىيەدە چارلاش، ئۆلچەش، لايىھەلەشنى باشلىغان. تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىدا 1975- يىلى 10- ئايدا سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلانغان، 1976- يىلى 5- ئايدا پۈتۈن لىنىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش - يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر تاماملانغان. زۇڭتۇڭ كائۇندا كېيىن مۇنداق دېگەن: تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولى «بىزنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقىمىز ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنىڭ خاتىرە ئابىدىسى».

غەربلىك بىر ئىنژېنېر تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ھەيران قالغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «تۈمەن چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلىنى ياسىغان مىللەتلا مۇشۇنداق يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك تۆمۈريولنى ياسىيالايدۇ».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى)

相关阅读