مېنىڭ تاۋباۋدىكى تىجارىتىم
【发布时间】2019-10-07  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

مېنىڭ ئىسمىم چيۇ لىڭنا، بۇ يىل 26 ياشقا كىردىم، يۆمىڭلۇ بازىرىدىكى جياشىڭ قۇرۇق يەل- يېمىش سودا دۇكىنىنىڭ ئىگىسى. 1997- يىلى، قېيىنئانام ئائىلىسىدىكىلەر جېجياڭدىن شىنجاڭغا كېلىپ، يۆمىڭلۇ بازىرىدا بۇ دۇكاننى ئېچىپتۇ، ئەينى چاغدا دۇكان كۆلىمى 15 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن.


 90- يىللاردا، «توپ مال سېتىۋالىدىغانلار يۆمىڭلۇغا بارىدۇ» دېگەن سۆز نۇرغۇن كىشىلەرگە تونۇش ئىدى. ئۇ چاغلاردا، دۇكىنىمىزدا بادام، ئەنجۈر قىقى، چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق كۆپچىلىككە بىر قەدەر تونۇش شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى سېتىلاتتى. سودا ياخشى بولغاندا دۇكاندا مال تىزىدىغان ئورۇنمۇ قالمايتتى، خېرىدارلار دۇكانغا پاتماي قالاتتى. سودىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۇكىنىمىزنىڭ كۆلىمىمۇ بارغانسېرى كېڭەيدى.


 2014- يىلدىن باشلاپ، يۆمىڭلۇ بازىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىشكە باشلىدى. ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار، ئىقتىدارى تولۇق، تور ۋە تور سىرتىنى تولۇق قاپلىغان ئۇنىۋېرسال توپ ۋە پارچە سېتىش بازىرى بەرپا قىلىندى. بىزمۇ تىپ ئۆزگەرتىشنى سىناق قىلىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «تيەنماۋ»، «ئالى بابا»، «تاۋباۋ» تورىدا «تيانشان توغراق» بايراقدار دۇكىنىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، توردا مال ساتتۇق. ئەينى چاغدا ئىچكىرىي رايونلاردا ئۈندىدار توپىدا كوللېكتىپ مال سېتىۋېلىش مودا بولغان بولۇپ، بىزمۇ بۇ خىل سېتىش ئەندىزىسىنى كىرگۈزدۇق، ھۆكۈمەت ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتە تولۇقلىما بەردى، بىز نىسبەتەن تۆۋەن كىرا ھەققى بىلەن مالنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتەلەيدىغان بولدۇق.


 قېيىنئانام ئەينى چاغدا قۇرۇق مېۋە دۇكىنى ئاچقاندا، تاۋارلارنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا بالدۇرراق سېتىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ھازىر، ماللىرىمىز مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا سېتىلىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز بارغانسېرى قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، سىياسەت بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇۋاتىدۇ. بىز كەلگۈسىگە زور ئۈمىد باغلىدۇق. بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، بىز چوقۇم بۇ پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، گۈزەل ئەتىمىز ئۈچۈن تىرىشىمىز.

相关阅读