دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، «مەن ۋە ۋەتىنىم»، «جۇڭگولۇق ئايروپىلان باشلىقى»، «ياماشقۇچىلار» ناملىق مول مەزمۇنلۇق، چوڭقۇر ھىسسىياتقا تويۇنغان ئاساسىي مىلودىيەلىك ئۈچ ھىكايە قىلىم تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى
【发布时间】2019-10-08  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرى گاۋ مىڭخۇي خەۋەر قىلىدۇ:

 دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، «مەن ۋە ۋەتىنىم»، «جۇڭگولۇق ئايروپىلان باشلىقى»، «ياماشقۇچىلار» ناملىق مول مەزمۇنلۇق، چوڭقۇر ھىسسىياتقا تويۇنغان ئاساسىي مىلودىيەلىك ئۈچ ھىكايە قىلىم تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

 دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «شىڭخۇي» كىنو باغچىسىنىڭ دەۋر مەيدانى كىنوخانىسىدا ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى. «شىڭخۇي» كىنو باغچىسى دەۋر مەيدانى كىنوخانىسىنىڭ دىرېكتورى ياڭ گۇاڭروڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، «مەن ۋە ۋەتىنىم»، «جۇڭگولۇق ئايروپىلان باشلىقى»، «ياماشقۇچىلار» قاتارلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بىر قانچە فىلىمنىڭ ئالتۇن ۋاقىتتىكى بىلىتىنى سېتىۋېلىش ناھايىتى تەس بولدى. شۇڭا، كىنوخانىمىز ئالاھىدە بۇ كىنولارنىڭ قۇيۇلۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتتۇق. بۇنىڭ ئىچىدە، «مەن ۋە ۋەتىنىم» ناملىق كىنو كۈنىگە 20 مەيدان ئەتراپىدا قويۇلۇپ، ھەر مەيدان تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى. مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، كىنوخانىمىز بۇ ئۈچ كىنونى 11 زالدا، 297 مەيدان قويدۇق، كىنو كۆرگۈچىلەر 10 مىڭدىن ئاشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ياشانغانلارمۇ، ياشلارمۇ بار. ئومۇمىي جەھەتتىن كىنوخانىنىڭ تاماشىبىنلار بىلەن تۇشۇش نىسبىتى %80، %90 كە يەتتى.

 ئۈرۈمچىلىك تاماشىبىن نەفىسە ئەنۋەر بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا «مەن ۋە ۋەتىنىم»، «جۇڭگولۇق ئايروپىلان باشلىقى» ناملىق كىنونى كۆرگەن ئىدى، 10- ئاينىڭ 7- كۈنى ئۇ ئالايىتەن «ياماشقۇچىلار» ناملىق كىنونى كۆرگىلى كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇقلارنىڭ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان روھى بۇ كىنودا تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، بارلىق جۇڭگولۇق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ياماشقۇچىلار. تىرىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز!

 تۇرپان «خۇايىڭ» كىنو شەھەرچىسىدە، تۇرپان شەھىرى ئاھالىسى ما چىڭيا بالىسى بىلەن بىللە «مەن ۋە ۋەتىنىم» ناملىق كىنونى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قەلبىگە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇرۇقىنى تېرىپ، ئۇلاردا كىچىكىدىن باشلاپ ئۆز ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيۈش ئىستىكى پەيدا قىلىشىمىز كېرەك.

 خوتەن شەھىرىدىكى «جۇڭگو كىنوچىلىقى-- قاشتېشى خەلقئارا كىنو شەھەرچىسى» دە، كىنوخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى چوڭ ئېكراندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتنىڭ سىن كۆرۈنۈشى توختىماي كۆرسىتىلىۋاتاتتى، بېلەت سېتىش ئورنى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، قولىدا دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، كىنوخانىغا كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان تاماشىبىنلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى، كىنوخانىنىڭ ھەممە يېرى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پاڭ زىجۈەن «جۇڭگولۇق ئايروپىلان باشلىقى» ناملىق كىنونى كۆرگەندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئاسان قولغا كەلمىدى، نۇرغۇن ئادەم ئۈن- تىنسىز بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. مەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى. مەن دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ ئىتتىپاق، گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئاددىي خىزمەت ئورنۇمدا كۈچۈمنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرىمەن.

 ئۈرۈمچى شەھىرى «مېييادا نۇرلۇق» خەلقئارا كىنو شەھەرچىسىنىڭ باشلىقى ماۋ ۋېنكەي مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 8- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، «ھەل قىلغۇچ پەيت»، «قىزىل يۇلتۇز جۇڭگونى يورۇتتى»، «گۇتيەندىكى ھەربىي سۇناي ئاۋازى» قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى نۇرغۇن فىلىم ئارقا- ئارقىدىن قويۇلۇپ، كۆرۈلۈش نىسبىتى سىجىل يۇقىرى بولدى. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك فىلىملىرىگە بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى دۆلەت بايرىمى ياكى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بۇ فىلىملەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بۇلىۋاتىدۇ.

تەرجىمان: ئامىنە 

相关阅读