ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىياپىتىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى
【发布时间】2019-10-08  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

▲ ئىستانسىمىز خەۋىرى: 

 10- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتىۋېلىش چوڭ يىغىنى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىياپىتىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 

 يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: مەملىكەت بويىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەممە شادلىققا چۆمدى. تەبرىكلەش پائالىيىتى ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى ھەمدە پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ياراتقان غايەت زور نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىش؛ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى داۋاملىق ياخشى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە گۈللەنگەن دەۋردىكى تەنتەنىلىك مۇراسىم مىللىي روھنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، خەلقنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق چەكسىز پەخىرلەندى، يۈكسەك شان- شەرەپنى ھىس قىلدى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتەن ۋە ئۇلۇغ يېڭى دەۋرگە چىن قەلبىدىن ئالقىش ياڭراتتى، چىن قەلبىدىن تەبرىكلىدى، قىزغىن مەدھىيەلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى يارىتىشى كېرەك. شانلىق نەتىجىلەرنى قەدىرلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ، ئۇلۇغ خەلقنىڭ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇشى؛ پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ بۆسۈشنى كۈتۈۋالغانلىقىنى چوڭقۇر تۇنۇشى كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى مۇستەھكەم غايە- ئېتىقادقا؛ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئاكتىپ ئىشلەشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە؛ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. قىممەتلىك تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىشى كېرەك. قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكى، بۈگۈنكى شانلىق نەتىجىلەرنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلىشى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى ئىكەنلىكىنى كۆڭۈل قويۇپ تونۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاڭلىق چىڭىتىپ، سىياسىي قەتئىيلىكنى ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. ئەسلىي مەقسەد ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. 

▲ يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ 2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخى ۋە يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. تۈزەش- ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئىچىگە قارىتىشتەك ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، يۇقىرى- تۆۋەن بىرلىكتە مەخسۇس تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە كۈچەپ، تۈزەش تەدبىرلىرىنىڭ كەم- كوتسىز ئەمەلىيلىشىشى، تۈزىتىش ۋەدىسىنىڭ بىر- بىرلەپ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈنۈم يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئىستىل بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق ۋە بيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تەربىيەنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ باھاسىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى بىلەن سىناپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ۋە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) لاردىكى يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

 يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى. 

 شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىنلەر يىغىنغا قاتناشتى. 

تەرجىمان: مىھرىئاي 

相关阅读