​روشەنگۈل توختى مەھەللىدە 17 يىل ئىشلەش جەريانىدا، ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا قىزغىن ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىك تەرىپىدىن ئاممىنىڭ سىردىشى «روشەنگۈل ئاچا» دەپ ئاتالدى
【发布时间】2019-10-09  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

  ئىستانسىمىز مۇخبىرى چيۇ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى تارماق رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇاڭجۇ كوچىسى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى روشەنگۈل توختى مەھەللىدە 17 يىل ئىشلەش جەريانىدا، ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا قىزغىن ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىك تەرىپىدىن ئاممىنىڭ سىردىشى «روشەنگۈل ئاچا» دەپ ئاتالدى.

 بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن روشەنگۈل توختى مەھەللە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 17 يىلدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ نۇرغۇن مەھەللىدە ۋەزىپە ئۆتىدى. 2014- يىلى گۇاڭجۇ كوچا مەھەللىسى ئەمدىلا قۇرۇلغاندا، ئۇ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. روشەنگۈل توختىنىڭ پات- پات ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ تەۋەلىكىدىكى نەچچە 10 كارخانا، كەسپىي ئورۇن، يۈزدىن ئارتۇق سودا تور نۇقتىسى، مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئەھۋالىنى بەش قولدەك ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بولسا، شۇ زامان ياردەم قولىنى سۇندى. گۇاڭجۇ كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جېڭ شيۇڭيىڭ مۇنداق دېدى: قانداقلا ئىش بولسا ئۇنىڭغا ئىنكاس قىلىمەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاممىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، دائىم دېگۈدەك بىزنىڭ غېمىمىزنى يەيدۇ.

 2016- يىلى 3- ئايدا گۇاڭجۇ كوچا مەھەللىسى روشەنگۈل توختىنىڭ مەھەللە ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىغا ئاساسەن، «روشەنگۈل خىزمەت ئىشخانىسى» قۇرۇپ، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەھەللە مۇدىرىنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، مەھەللە تايانچلىرىنىڭ ئۆگىنىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قەرەللىك ئۆتكۈزدى. نۆۋەتتە «روشەنگۈل خىزمەت ئىشخانىسى» ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئىللىق ئائىلە بولۇپ قالدى. شىنجاڭ «ۋېيتەي» تەرەققىيات- قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇ كوچا مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، مەھەللىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى رېن چىڭخۇي مۇنداق دېدى: مەن مەھەللىگە يېڭى كەلگەندە، روشەنگۈل شۇجى مېنى باشلاپ ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇردى، مەن روشەنگۈل شۇجىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم. ھازىر كوللېكتىپىمىزنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ئېشىپ، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

 روشەنگۈل توختى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى»، «ئەڭ گۈزەل شەھەر- يېزا مەھەللە خىزمەتچىسى»، «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى، 2017- يىلى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. بۇ يىل 9- ئاينىڭ 27- كۈنى روشەنگۈل توختى يەنە «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشتى. روشەنگۈل توختى مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى، ئەمەلىي بىجىرىپ، ھال- ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، غەم- ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەيمەن. 

 تەرجىمان: ئىلمىنۇر 

相关阅读