​شىنجاڭ «ۋاڭيۈەن» بىئو پەن- تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن گاڭلياڭ پەن- تەتقىقات كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، قان- تەرى بەدىلىگە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە «ۋاڭيۈەن» تۆگە سۈتى ماركىسىنى ياراتتى
【发布时间】2019-10-09  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 «تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىتتىپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى» سەھىپە مۇزىكىسى.........} 

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 شىنجاڭ «ۋاڭيۈەن» بىئو پەن- تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن گاڭلياڭ پەن- تەتقىقات كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، قان- تەرى بەدىلىگە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە «ۋاڭيۈەن» تۆگە سۈتى ماركىسىنى ياراتتى ھەمدە شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنى يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى.

 بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ قاراماغاي بازىرىدىكى چارۋىچى مانات نۇرتانبېك شۇ جايدىكى تۆگە باقمىچى ئائىلىسى بولۇپ، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ تۆگە سۈتى سېغىپ، شىنجاڭ «ۋاڭيۈەن» بىئو پەن- تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ سۈت يىغىش ئاپتوموبىلىنىڭ سۈتنى ئېلىپ كىتىشىنى ساقلايدۇ. چېن گاڭلياڭ تۆگە باققان چارۋىچىلارنىڭ «تىجارەتتە ھېچقانداق خېيىم- خەتەر بولماسلىق» نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىركەت خىزمەتچىلىرىدىن بارلىق باقمىچىلاردىن لاياقەتلىك بولغان يېڭى سۈتنىڭ ھەممىسىنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ سېتىۋېلىشىنى، «باھاسى بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولماسلىق» تەك قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ھازىر مانات نۇرتەنبېك تۆگە سۈتى سېتىشقا تايىنىپ، ئايدا 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدۇ. مانات نۇرتانبېك مۇنداق دېدى: ھازىر بېقىۋاتقان تۆگىلىرىم 200 دىن ئاشتى، بۇلتۇر 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق. 

 2006- يىلى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىڭ شەھىرىدە تىجارەت قىلىدىغان چېن گاڭلياڭ شىنجاڭنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ساياھەت قىلىپ، چارۋىچىلەر بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، تۆگە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا سودا پۇرسىتى بارلىقىنى بايقىدى. چېن گاڭلياڭ مۇنداق دېدى: شۇ يەردىكى ئاممىدىن تۆگە سۈتىنىڭ بەك قۇۋۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئىچسە ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇلاردىن: «تۆگە سۈتىدەك شۇنداق ياخشى مەھسۇلاتىڭلار بولغاندىكىن، سېتىپ تۇرمۇشۇڭلارنى قامدىساڭلار بولمامدۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇلار ماڭا «سۈتنى ساغساق 2، 3 سائەت ئىچىدىلا ئېچىپ قالىدۇ، شۇڭا سېتىپ چىقارغىلى بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. شۇ چاغدا بۇ كەنتتىكىلەرگە سودا پۇرسىتى تېپىپ بېرىدىغان بولدۇم دەپ ھاياجانلىنىپ، كېلەر يىلى بۇ يەرگە كېلىپ زاۋۇت قۇرۇپ، ھەممىسىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ سۈت يىغىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.

 جېجياڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چارۋىچىلىق كەسپىنى ئۆگەنگەن چېن گاڭلياڭ ماتېرىيال كۆرۈپ، مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراپ، تۆگىچىلىكنىڭ بازار ئىستىقبالىنى تەتقىق قىلدى. 2007- يىلى چېن گاڭلياڭ بارلىق يىغقان پۇلىنى ئېلىپ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە كېلىپ، شىنجاڭ «ۋاڭيۈەن» تۆگە سۈتى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنى ئەنگە ئالدۇردى. 2007- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە، شىركەت ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆپلىگەن داشۆ ۋە دۆلەت ئىچىدىكى پەن- تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۆگە يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى چۆرىدەپ تەتقىقات ئېلىپ باردى. تەتقىقاتچىلارنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، تۆگە سۈتىنى يېڭى پېتى ساقلاش ۋاقتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 6 ئايغا ئۇزارتىلىپ، يېڭى تۆگە سۈتىنى مىكروبسىزلاندۇرۇش، يېڭى پېتى ساقلاش قاتارلىق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

 2014- يىلى شىنجاڭ «ۋاڭيۈەن» بىيو پەن- تېخنىكا گۇرۇھى قۇرۇلدى. چېن گاڭلياڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «ۋاڭيۈەن» بىيو پەن- تېخنىكا گۇرۇھى «باشلامچى كارخانىلار پۇل مۇئامىلە جەھەتتە يۆلەش، ۋاكالەتچى سودىگەرلەر نامرات چارۋىچىلارنى دەل جايىدا يۆلەش» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن مەشغۇلات ئەندىزىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، ھەر يىلى 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەخسۇس مەبلەغ توپلاپ، ھەر بىر نامرات چارۋىچىغا 100 مىڭ يۈەندىن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ بېرىپ، نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. نۆۋەتتە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى 151 كەنت سۈت تۆگىسى كەسپى باقمىچىلىقىغا قاتنىشىپ، 483 باقمىچىلىق كەسپىي ئائىلىسىنى يېتىشتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ «ۋاڭيۈەن» بىيو پەن- تېخنىكا گۇرۇھى يەنە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىڭدىن ئارتۇق مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ۋە مىڭدىن ئارتۇق سودا- ساراي، تاللا بازاردا مەخسۇس پۇكەي تەسىس قىلدى. چېن گاڭلياڭ 2017- يىلى 10- ئايدا مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ يىل 3- ئايدا ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى ئالاھىدە قوللاش پىلانىدىكى باشلامچى ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ باھالاندى. 9- ئايدا يەنە مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. چېن گاڭلياڭ مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن. 

 تەرجىمان: ئىلمىنۇر 


相关阅读