ئوغرىنى تۇتۇش يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن-- ياڭ جاۋگۈي
【发布时间】2019-10-09  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ياڭ جاۋگۈي، 1955- يىلى تۇغۇلغان، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىنپىڭ ناھىيەسىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزاسى. ئۇ يۈشى ۋىلايەتلىك سەھىيە مەكتىپىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەن، 1977- يىلى 3- ئايدا شىنپىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ قانۇن دوختۇرى بولغان. ياڭ جاۋگۇي قانۇن دوختۇرى بولغان 12 يىلدا، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر بىر كەنتنى ئايلىنىپ چىقىپ، تەخمىنەن 300 ئادەم ۋە جەسەتنى تەكشۈرگەن ھەمدە ھەممىسىگە توغرا يەكۈن چىقارغان.

 1989- يىلى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىنپىڭ ناھىيەلىك ئىشچىلار كۇلۇبى، مەدەنىيەت سارىيىنىڭ قىممىتى مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان سىنئالغۇ قاتارلىق ئۈسكۈنىلىرى ئوغۇرلانغان. ياڭ جاۋگۇي دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرى بىلەن نەق مەيدانغا بېرىپ ئىنچىكە تەكشۈرگەن. 8- ئاينىڭ 17- كۈنى سەھەردە، بىر ئىشچىنىڭ كۆكتاتلىقتىكى گەمىدىن بىر سىنئالغۇ ۋە بىر قىسىم سىنالغۇ لېنتىسىنى تېپىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن ھەمدە بۇنىڭ ئوغرىلانغان زاڭ مال ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن. كېڭىشىش ئارقىلىق، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى زاڭ مال بايقالغان نەق مەيداندا ساقلاپ تۇرۇپ جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشنى قارار قىلغان ھەمدە بىر قانچە ساقلاش نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ چاغدا ياڭ جاۋگۈي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېرىپ- چارچىغىنىغا قارىماي، ساقلاش نۇقتىسىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلغان.

 سەھەر سائەت تۆتتىن ئاشقاندا، يەنە بىر كۈتۈش نۇقتىسىدىكى يولداشلار بىرى ئېگىز، بىرى پاكار ئىككى ياشنىڭ ئوغرى مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ زاڭ مالنى يوشۇرۇپ قويغان جايغا كېتىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ياڭ جاۋگۇي بۇ ئىككەيلەننى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىماي، ئاستا ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشكەن. سۈرەتخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، پاكار بويلۇق ياش بىر سومكا نەرسىنى كۆتۈرۈپ تۇيۇقسىز ياڭ جاۋگۈينىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان. جىنايەتچى بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالغان ياڭ جاۋگۈي سەپداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئامالسىز قېلىپ، دەرھال كەسكىن قارار چىقىرىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا «توختا!» دەپ ۋاقىرىغان. پاكار بويلۇق ياش زاڭ مالنى تاشلاپ قويغاندىن كىيىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمەي، دەرھال تاپانچىسىنى چىقىرىپ ياڭ جاۋگۇيغا ئوق چىقارغان. ياڭ جاۋگۇينىڭ قورسىقىغا ئوق تېگىپ، ئاساسىي ئارتېرىيە تومۇرى تىشىلىپ، قان ئېتىلىپ چىققان. سەھەر سائەت 5 تىن 50 مىنوت ئۆتكەندە، ياڭ جاۋگۈينىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا قۇربان بولغان. شۇ يىلى يۈننەن ئۆلكىسى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ياڭ جاۋگۇينى ئايرىم- ئايرىم ھالدا «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ ئېتىراپ قىلغان ھەم «1- دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ نام بەرگەن.

 تەرجىمان: ئامىنە

相关阅读