سۈي يۇڭجەن سۆكسۆككە توشقانزەدىكى ئۇلاش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە سۆكسۆكنى دېھقانلارنىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخىگە ئايلاندۇردى
【发布时间】2019-10-09  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى: 

 پىچان ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى سۈي يۇڭجەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان پىچان ناھىيەسىگە ماس كېلىدىغان ئورمان ئەھيا قىلىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «10 مىڭ مولۇق ئىھاتە ئورمىنىنى قوغداش ھەرىكىتى» نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سۆكسۆككە توشقانزەدىكى ئۇلاش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە سۆكسۆكنى دېھقانلارنىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخىگە ئايلاندۇردى.

 يېقىندا، سۈي يۇڭجەن پىچان ناھىيەلىك «بېيىش يولى» كەسپىي كوپىراتىپىغا بېرىپ، كوپىراتىپ تېرىغان توشقانزەدىكىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم نەق مەيداندا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. 2004- يىلى پىچان ناھىيەلىك «بېيىش يولى» كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى سەيپۇل سىدىق سۆكسۆككە توشقانزەدىكى ئۇلاش تېخنىكىسى بىلەن ئۇچراشقانىدى. ئەينى چاغدا، پىچان ناھىيەسى سۆكسۆككە توشقانزەدىكى ئۇلاش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە باشلىغاندا، سەيپۇل سىدىقنىڭ كۆڭلىدە سان بولمىغاچقا، سەل ئىككىلىنىپ قالغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى چۈشەنمەيتتۇق، نەگە ئاپىرىپ سېتىشنىمۇ بىلمەيتتۇق، ھەتتا ئۇنىڭ ئۇرۇقىنىمۇ تاپالمىغان ئىدۇق.

 سۈي يۇڭجەن سەيپۇل سىدىقنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، سەيپۇل سىدىقنى باشلاپ ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان 300 مو سۆكسۆكلۈكىدە سىناق قىلدى. ئۇلار 3 يىل تىرىشىش نەتىجسىدە، سىناق تەرىقىسىدە ئۇلىغان توشقان زەردىكىدىن مول ھوسۇل ئالدى. بۇ نەتىجە سەيپۇل سىدىقنىڭ ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ توشقان زەدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىر، «بېيىش يولى» كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ توشقانزەدىكى ئۇلىغان كۆلىمى 2 مىڭ موغا يەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2 مىڭ مو يەردىن يىلىغا 150 توننىدىن 200 توننىغىچە توشقانزەدىكى ئالغىلى بولىدۇ، يىلىغا 3 مىليون يۈەندىن 4 مىليون يۈەنگىچە كىرىم قىلالايمىز.

 پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان سۈي يۇڭجەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن قۇمتاغ قۇملۇقىنى بويلاپ سۆكسۆك، يۇلغۇن، توغراق قاتارلىقلارنى تىكتى. سۈي يۇڭجەن مۇنداق دېدى: بۇ كۆچمە قۇملۇق ھەر يىلى 6 مېتىردىن 8 مېتىرغىچە سۈرەت بىلەن كۆچىدۇ. بۈگۈنى ئورمان ئەھيا قىلىش ئۈچۈن كۆچەت تىككەن بولساق، ئەتىسى بوران چىقىپ، كۆچەتلەرنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسىمۇ قۇم ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالىدۇ. شۇڭا، كۆچەتنى توختىماي تولۇقلاپ تىكىشكە توغرا كېلىدۇ.

 يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۈي يۇڭجەن خىزمەتداشلىرى بىلەن قۇملۇقتا قايتا- قايتا كۆچەت تىكتى، ئۇ نۇرغۇن ماتېرىيال كۆردى، يەنە ئورمانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىدىن كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتى قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تەلىم ئالدى. ئون نەچچە يىل تىرىشىش نەتىجىسىدە، بۈگۈنكى كۈندە، قۇملۇقنىڭ چېتىدە 12 مىڭ مو سۆكسۆك، توغراق، چاتقال ئارىلاشتۇرۇپ تىكىلگەن ئورمانلىق بەرپا قىلىنىپ، ئەتراپتىكى 5 كەنتتىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، 25 مىڭ مو ئېتىز ئۈنۈملۈك قوغدالدى. سۈي يۇڭجەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە كۆكەرتىش مېدالى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆكەرتىش مېدالى، ئاپتونوم رايون بويىچە «11- بەش يىللىق پىلان» دىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس قاتارلىق شان- شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئورمانچىلىق خادىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. 

 تەرجىمان: ئىلمىنۇر  


相关阅读