ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر- بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى​
【发布时间】2019-10-09  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرى ياڭ جۇ خەۋەر قىلىدۇ:

 ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر- بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىسىنى بىخەتەر، قولاي ئۆيدە ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

 مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئائىلىلەر يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ يېزىسىدىكى ئاھالە ياسىن جاسارەت تاغدىن چۈشۈپ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ «كوئىنلۇن جيايۈەن» ئولتۇراق رايونىدىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى 80 كۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئۆي ئازادە، يورۇق، سۇ، توك، پار دېگەندەك ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىكەن، بەك راھەت ھېس قىلدۇق. ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا تاللا بازىرى، ئاشخانا، يەنە چېنىقىش ئەسلىھەلىرىمۇ بار ئىكەن، بىزگە بەك قولاي بولدى. ئىلگىرى تاغدا تاش ئۆيدە ئولتۇرغانغا قارىغاندا، ھازىرقى شارائىتىمىز بەكلا ياخشى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە كۆپ رەھمەت. 

 ئاپتونوم رايونىمىز 2004- يىلىدىن باشلاپ، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى؛ 2010- يىلىدىن بۇيان، كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش، شەھەر- بازارلاردا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي، يېزىلاردا ئەمىن ئۆي قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدى. بۇ جەرياندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى بىناكارلىق قۇرۇلۇش يېڭى ماتېرىياللىرى، يېڭى تېخنىكىلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق، بىخەتەر، ئەرزان ۋە قوللىنىشچان، ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن بولۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قولايلىق بولۇش قاتارلىق تەلەپلەرگە يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە سۇ، توك، يول، گاز، ئاشخانا، مۇنچا، ھاجەتخانا، ھويلا- ئارام قاتارلىق ئەسلىھلەرنىڭ تولۇق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. يېقىندا، بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن مەريەم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئولتۇراق رايونى-- باداۋان «شەنشۆي يايۈەن» ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كىردى. مەرىيەم چىرايلىق بېزەلگەن يېڭى ئۆيىنى كۆرۈپ ناھايىتى رازى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ناھايىتى رازى بولدۇم ھەم ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدىم. بۇ مەھەللىنىڭ مۇھىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن، دۆلەتنىڭ كاپالەتلىك ئولتۇراق ئۆيىدىن بەھرىمان بولۇپ، كۆڭلۈممۇ جايىغا چۈشتى. چىرايلىق بېزەلگەن ئۆيگە قاراپ ئولتۇرساممۇ، ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىدىغان بولدۇم.

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار شەھەر- بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئولتۇراق ئۆي كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىش، ئىجارىگە بېرىش، سېتىش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، تۇرالغۇ كاپالىتى تورىنى پۇختىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىشخانا مۇدىرى ما شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم ئۆلچىمىنى تەڭشەشكە ئاساسەن، 2018- يىلىدىكى ئايلىق كىرىم ئۆلچىمى 3 مىڭ 85 يۈەننى 2019- يىلى 3 مىڭ 345 يۈەنگە تەڭشىدۇق. تۇرالغۇ كاپالەت كىرىمى ئۆلچىمىنىڭ ئۆسۈشى، ئىجازەت بۇسىغۇسىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئامما كاپالەتلىك تۇرالغۇ كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولدى، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا، پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزدۇق.

 ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كۆركەم، بىخەتەر، مۇھىت ئاسرايدىغان ئەمىن ئۆيلەر قەد كۆتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىسى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كۈچ قوشتى. 

 مۇخبىر كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى نىڭبو- كۇچا ئىتتىپاق كەنتىدە، يېڭىدىن سېلىنغان 56 يۈرۈش ئەمىن ئۆينىڭ كەنتتىكى يارقىن گۈزەل مەنزىرە بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. بۇ ئەمىن ئۆيلەرنىڭ ئالدى ھويلىسىدا ئۈزۈم بارىڭى، ئارقا ھويلىسىدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق رايونى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. كەنت ئاھالىسى مەمەت ھاپىز يېقىندىلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تۇرىدىغان بىر ئېغىز ئۆيدە ھەم ياتاتتۇق ھەم تاماق ئېتەتتۇق. ھازىر، تۇرىۋاتقان ئۆيۈمنىڭ مېھمانخانىسى، ئاشخانىسى، ياتاق ئۆيى ئايرىم، ھاجەتخانىسىمۇ بەك راھەتكەن. بۇ مەن ئىلگىرى تۇرغان ئۆيلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى.

 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردا جەمئىي 2 مىليون 382 مىڭ يۈرۈش ئەمىن ئۆيى سالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزىلاردا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەر، يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر، نامرات مېيىپ ئائىلىلەر بولۇپ جەمئىي تەخمىنەن 9 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن كەنت ئاھالىلىرى ھويلا- ئارام ئىگىلىكى، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، سەھرا ساياھەتچىلىكى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى. 

 ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر- بازارلىرىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى 1978- يىلىدىكى 3.5 كىۋادرات مېتىردىن 2018- يىلى 33.4 كىۋادرات مېتىرغا، يېزىلاردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى 21.2 كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىپ، كۈنلىرى بارغانسېرى بەختلىك ئۆتمەكتە.

 تەرجىمان: ئىلمىنۇر 

相关阅读