مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى چىن مۇھەببىتىمىز بىلەن سۇغىرايلى
【发布时间】2019-10-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرى ياڭ جۇنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى چىن مۇھەببىتىمىز بىلەن سۇغىرايلى» ماۋزۇلۇق خەۋىرى 

 ئەتىگەن سائەت 6:00 دىن ئاشقاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش «جېنباۋ» ئاپتوبۇس شىركىتىنىڭ شوپۇرى گۇ شياڭفېڭ ئاپتوبۇس ئىچىنى تازىلاپ يولغا چىقىشقا تەييارلاندى. چۈنكى، بىر سائەتتىن كېيىن داپۇگۇ مەھەللىسىدىكى بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قوياتتى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى شىسەن تەۋەلىك رايونىغا جايلاشقان داپۇگۇ مەھەللىسىدە 200 دىن ئارتۇق ئاھالە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، 2007- يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش «جېنباۋ» ئاپتوبۇس شىركىتى شىسەن سۇلياۋ زاۋۇتىدىن داپۇگۇ مەھەللىسىگە قاتنايدىغان 70- يول قوشۇمچە كوچا ئاپتوبۇس لىنىيەسىنى ئاچقانىدى. بۇ لىنىيەدە قاتنايدىغان يولۇچىلار بىر قەدەر ئاز بولغاچقا، پەقەت بىرلا ئاپتوبۇس قاتنىدى. گۇ شياڭفېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ لىنىيەدىكى بىردىنبىر كوچا ئاپتوبۇس شوپۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولۇچىلارنى توپتوغرا ئون يىل توشۇدۇم. ھەر كۈنى ئەتىگەندە چوقۇم بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىمەن، بۇ بالىلارنىڭ ئىسمى ۋە ئۆيىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىق بىلىپ كەتتىم. كەسپىم مۇلازىمەت كەسپى بولغاچقا، شوپۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاھالىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشكە تىرىشتىم.   

 مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسىگە زىچ باغلانغان بۇ ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى گۇ شياڭفېڭنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. گۇ شياڭفېڭ مەھەللە ئاھالىسى ياسىنجان ئىمىرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىل ئۆيدە ئىش كۈتۈپ تۇرغانلىقى، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ياسىنجان ئىمىرنىڭ شوپۇرلۇق مەكتىپىگە تىزىملىتىشى ھەم شوپۇرلۇق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، بىر كوچا ئاپتوبۇس شوپۇرى بولۇشىغا ياردەملەشتى. ياسىنجان ئىمىر مۇنداق دېدى: مەن ئۇستازىمغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇنى ئۆز دادامغا ئوخشاش كۆرىمەن. ھازىر ئايدا 6 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئېلىۋاتىمەن، بۇ ئۆزۈمنىڭ خىراجىتىگە تامامەن يېتىدۇ. 

 گۇ شياڭفېڭ داپۇگۇ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشى ۋە كۆكتات سېتىۋېلىشىنىڭ ناھايىتى قولايسىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، دائىم ئاھالىلەرگە سۇ، كۆكتات ئاپىرىپ بېرىپلا قالماي، يەنە پات- پات مەھەللىدىكى ئىگە- چاقىسىز ياشانغانلارغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ئاپىرىپ بەردى ھەمدە ئۇلارنىڭ تازىلىق قىلىشىغا ياردەملەشتى. مەھەللە ئاھالىسى باھارگۈل رۇسۇل مۇنداق دېدى: گۇ شياڭفېڭ ئۆيىمىزدىكىلەرگە نۇرغۇن يىل كۆكتات ۋە سۇ توشۇدى. ھازىر ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بەك ياخشى. گۇ شياڭفېڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇنى ھەر يىلقى بايراملاردا ئۆيىمىزگە كېلىپ تاماق يەپ كېتىشكە تەكلىپ قىلىمەن.     

 2016- يىلى يېڭىدىن قاتناش باشلانغان 2005- يول كوچا ئاپتوبۇسى تىجارەت باشلىغىنىغا 10 يىل بولغان 70- يول قوشۇمچە لىنىيەسىدىكى كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ ئورنىنى ئالدى. 2005- يول كوچا ئاپتوبۇسى كۆپىيىپ 3 كە يەتكەن بولسىمۇ، گۇ شياڭفېڭ يەنىلا 70- يول قوشۇمچە لىنىيەسىدە كوچا ئاپتوبۇسى ھەيدىدى. گۇ شياڭفېڭ مۇنداق دېدى: مەن چوقۇم مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ۋە كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

تەرجىمان: مەدىنە 


相关阅读