«مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى پەن يۈليەن 27 يىلدىن بۇيان 2 مىڭدىن ئارتۇق بالىغا خالىس قارىدى، دەرس ئۆتتى
【发布时间】2019-10-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىشەھەر بازىرى يېڭى شەھەر رايونى مەھەللىسىدىكى «مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى پەن يۈليەن 27 يىلدىن بۇيان 2 مىڭدىن ئارتۇق بالىغا خالىس قارىدى، دەرس ئۆتتى. 

 ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن بالىلار مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، پەن يۈليەننىڭ «مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى» دا جاراڭلىق كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6- يىللىق ئوقۇغۇچىسى سۈمەييە مەمەتئېلىنىڭ بۇ دەرسخانىدا ئوقۇۋاتقىنىغا ئالتە يىل بولغانىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پەن مومام بىزگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇ بىزگە نۇرغۇن بىلىم ئۆگەتتى. ئادەتتە، ئۇ ئۆز مومىمىزغا ئوخشاش ھالىمىزدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ.

 پەن يۈليەن قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، دادىسى خەنزۇ، ئانىسى ئۇيغۇر ئۇ ئىلگىرى روس تىلى تەرجىمانى بولغان، تىجارەت ۋە ئىشلەمچىلىكمۇ قىلىپ باققانىدى. سىرتتا كۆپ يىل ئىشلىگەن پەن يۈليەن 1992- يىلى يۇرتى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىشەھەر بازىرىغا قايتىپ كەلدى. نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئاتا ـ ئانىلىرىنىڭ ئىشتىن كەچ چۈشىدىغانلىقىنى بانا قىلىپ كوچىدا ئويناپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن پەن يۈليەن كىچىك دەرسخانا ئېچىشنى قارار قىلىدۇ. ئەينى چاغدا، ئېرى ۋاپات بولغان، ئىقتىسادى ئانچە باياشات بولمىغان پەن يۈليەن كېسەللىك سەۋەبىدىن پالەچ بولۇپ قالغان ئوغلى ۋە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان نەۋرىسىنىڭ ھالىدىن ئۆزى يالغۇز خەۋەر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، «مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى» دا ئوقۇۋاتقان بالىلاردىن ھېچقانداق ھەق ئالمىدى. دەسلەپتە دەرس ئاڭلىغىلى كېلىدىغان بالا ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، پەن يۈليەن قىلچە بوشاڭلىق قىلماي، ئەستايىدىل دەرس تەييارلاپ، ئۇلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن دەرس ئۆتتى. ئۇ يەنە كېرەكسىز نەرسە- كېرەكلەرنى يىغىپ ساتقان پۇلىغا بالىلارغا دەپتەر، قېرىنداش قاتارلىق ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن «مېھىر - شەپقەت دەرسخانىسى» غا بېرىپ دەرس ئاڭلايدىغان بالىلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئوقۇغۇچى زۇلالە ئادىل مۇنداق دېدى: پەن مومام ھەر كۈنى بىزگە تېكىست يادلىتىدۇ ھەم ئېغىزچە ھېسابلاش سوئاللىرىنى ئىشلىتىدۇ. پەن مومامنىڭ ياردىمىدە، ئۆگىنىش نەتىجەمدە زور ئىلگىرىلەش بولدى. پەن مومامغا كۆپ رەھمەت.   

 27 يىلدىن بۇيان، 2 مىڭدىن ئارتۇق بالا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ پەن يۈليەننىڭ «مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى» دا ئوقۇدى. پەن يۈليەننىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇتەللىپ ھاشىم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قايتىپ، بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن پەن مۇئەللىمدىن نام- مەنپەئەت قوغلاشماي، جەمئىيەتكە ھەقىقىي تۆھپە قوشۇشنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىۋالدىم.  

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە، پەن يۈليەننىڭ «مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى»-- سىنىپ، پائالىيەت ئۆيى ۋە كۈتۈپخانىسى بولغان چوڭ دەرسخانىغا ئايلاندى. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى يەنە پەن يۈليەننى تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئايدا مائاش تارقاتتى ھەم ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى پەن يۈليەن بىلەن بىرلىكتە بالىلارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. بۇ يىل 9- ئايدا، پەن يۈليەن «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. پەن يۈليەن مۇنداق دېدى: ئارزۇيۇم- بۇ بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، كەلگۈسىدە ئۇلارنى جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش. مەيلى قانچىلىك بەدەل تۆلىشىمدىن قەتئىينەزەر، بارلىق ئامال- چارىلەر بىلەن بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەيمەن. 

 تەرجىمان: مەدىنە 

相关阅读