ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى-- يەن جېڭليەن
【发布时间】2019-10-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 يەن جېڭليەن، 1963- يىلى 12- ئايدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىنيى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1982- يىلى 12- ئايدا چاقىرىققا بىنائەن ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ، چىڭداۋ شەھەرلىك ئوت مۇداپىئيە قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى بولغان. 1983- يىلى يەن جېڭليەن بەنجاڭلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە ئۇ يېتەكلىگەن بەن ئۇدا بەش يىل ئىلغار بەن بولۇپ باھالانغان. 1986- يىلى 1- ئايدا يەن جېڭليەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. يەن جېڭليەن ئەسكەرلىككە قاتناشقان ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا 400 نەچچە قېتىم ئوت ئۆچۈرۈش جېڭىگە قاتنىشىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلانغان.

 1989- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 9 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، چىڭداۋ شەھىرىدىكى خۇاڭداۋ ماي ئىسكىلاتىنىڭ 5- نومۇرلۇق ماي باكى چاقماق چېقىش سەۋەبلىك پارتلاپ ئوت كەتكەن ھەمدە 16 مىڭ توننا نېفىت كۆيۈپ شىددەت بىلەن پەسكە ئېقىپ، ئەتراپتىكى چوڭ- كىچىك 15 ماي باكى ۋە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. سائەت 10 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، يەن جېڭليەن بۇيرۇققا بىنائەن ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش مۇداپىئيە جەڭچىلىرىنى باشلاپ ئوت كەتكەن جايغا ئۇچقاندەك بېرىپ، 5- نومۇرلۇق ماي باكىنىڭ شەرقىگە 30 مېتىر كېلىدىغان جايدىكى 4- نومۇرلۇق ماي باكىنى سوۋۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

 سائەت 14:00 لەر ئەتراپىدا، شامال يۆنىلىشى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن. 5- نومۇرلۇق ماي باكىدىكى ئوت 4- نومۇرلۇق ماي باكىغا تۇتىشىپ، باك دىۋارىدىن ئاق ئىس كۆتۈرۈلۈپ، ئاپەت تېخىمۇ چوڭايغان. شامال كۈچى زورىيىپ، ئوت ئۇلغىيىپ، ئەھۋال تېخىمۇ يامانلاشقاچقا، قوماندان كەسكىن ھالدا نەق مەيداندىن چېكىنىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. بۇ چاغدا يەن جېڭليەن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىماي، ئالدى بىلەن جەڭچىلەرنىڭ چېكىنىشىگە قوماندانلىق قىلغان. كۆپ ساندىكى كىشى چېكىنگەندىن كېيىن يەن جېڭليەن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ئىككى يېڭى جەڭچىنىڭ يەنىلا ئۆت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن سۇ پۈركۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن ۋارقىرىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا قاراپ يۈگۈرگەن. يەن جېڭليەن ئىككى يېڭى جەڭچى بىلەن بىللە چېكىنىۋاتقاندا، كۈچلۈك ئاۋاز ئاڭلىنىپ، 4- نومۇرلۇق ماي باكى پارتلاپ، ئوت يالقۇنىنىڭ ئېگىزلىكى نەچچە يۈز مېتىرغا يېتىپ، نەچچە مىڭ توننا نېفىت كۆيۈپ ئوت دېڭىزىغا ئايلانغان. يەن جېڭليەن بىلەن ئىككى يېڭى جەڭچى مىڭ گىرادۇسقا يېقىن يۇقىرى ھارارەتلىك ئوت دېڭىزىدا قاپسىلىپ قېلىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

 1989- يىلى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى قوراللىق ساقچى قىسىم باش شىتابى يەن جېڭليەننى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلىدى. 1989- يىلى 9- ئاينىڭ 22- كۈنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يەن جېڭليەنگە «ئوت مۇداپىئيە قۇتقۇزۇش جەڭگىۋار قەھرىمانى» دەپ نام ۋە «1- دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» مېدالىنى بەردى. 1989- يىلى يەن جېڭليەن تۇرۇشلۇق چىڭداۋ شەھەرلىك ئوت مۇداپىئيە قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى 1- ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خۇاڭداۋدىكى ئوت ئۆچۈرۈش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش جېڭىدىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، شەرەپ بىلەن كوللېكتىپ 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى. 

 تەرجىمان: مەدىنە 

相关阅读