قۇمۇل شەھىرى دېققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى
【发布时间】2019-10-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قۇمۇل شەھىرى دېققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشكە تەشكىللەپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

 باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قۇمۇل شەھىرى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر، رايون- ناھىيە، يېزا- بازاردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئۆگىنىش پىلانىنى تۈزۈپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلار ھەمدە پايدىلىىنىپ يولغا قويىدىغان ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق تەتقىقاتنى، تەتقىقات ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خادىم، ۋاقىت، مەزمۇن، ئۈنۈمدىن ئىبارەت «توتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. قۇمۇل شەھەرلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، قۇمۇل شەھەرلىك سوتسىيالىزم شۆيۈەنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شىنجيەن مۇنداق دېدى: پىكىر يۈرگۈزۈپ، مەسىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆز پېتى، ئەينەن ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتتۇق. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق. بۇنى خىزمەت جەريانىدا ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قوللانما كىتاب قىلىمىز.

 قۇمۇل شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دېققەتنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەتتە ساقلىنىۋاتقان كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي، قاتتىق تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە، قۇمۇل شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، سەككىز مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يېمەكلىك، دورا ساھەسىدىكى باھا، سۈپەت، كەسىپكارلارنىڭ سالاھىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ھازىرغىچە 59 تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ تۈزەتتى. قۇمۇل شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى باھا نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خې جۇڭ مۇنداق دېدى: بايقالغان يوشۇرۇن خەۋپ مەسىلىلىرىنى شۇ كۈنىلا تەكشۈرۈپ، بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى شۇ كۈنىلا تۈزەتتۇق. ئادەتتىكى مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىككىنچى كۈنى ئالاقىدار بۆلۈملەر قايتا تەكشۈرۈپ، 24 سائەت ئىچىدىلا ئەمەلىيلەشتۈردى. 

 قۇمۇل شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئەل قەلبىنى ئىللىتىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇردى. قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە شىياڭياڭ يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئىش بېجىرىش تەرتىپى مۇرەككەپ بولۇش، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، تېزدىن تۈزىتىشنى قانات يايدۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ جېنجياڭ مۇنداق دېدى: ئامما بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلار مەھەللىگە كەلگەندىن كېيىن، مەھەللە كادىرلىرى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ، ئاشكارە ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللارنى كۆرسىتىپ، ئاممىغا ئەڭ زور قولايلىق يارىتىپ بەردى. ئامما مەھەللىگە بىر قېتىم كېلىپلا ئىشىنى بېجىرەلەيدىغان بولدى. 

 قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شەرقىي دەريا كوچا باشقارمىسى شياڭياڭ يولى مەھەللىسى ئاھالىسى يۈ سۇميەن مۇنداق دېدى: ھازىر مەھەللىدە ئىش بېجىرىش ناھايىتى قولايلىق، تېز بولۇپ كەتتى، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى.

 ئىستاتېستىكا قىلىنىشىچە، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قۇمۇل شەھىرى 287 مەسىلىنى رەتلەپ، 614 تۈرلۈك تۈزىتىش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىققان.

 تەرجىمان: گۈلرۇخ قاسىم 


相关阅读