ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشى تەدرىجىي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى
【发布时间】2019-10-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرى لېي مىڭ خەۋەر قىلىدۇ:

 ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي يىغىۋېلىپ ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، «سۈپىتى ئەلا، باھاسى يۇقىرى» بولۇش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشى تەدرىجىي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى.

 بۇ يىل، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزى كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىقچىلىق كەسپىي ئائىلىسى فېڭ رۇگاڭ 5 مىڭ مو يەردىكى ئەلا سۈپەتلىك بۇغدىيىدىن مول ھوسۇل ئالدى. ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى ھەر كىلوگرامىنى 2 يۈەن 8 مولۇق يۇقىرى باھادا سېتىۋالدى. كۈزلۈك تېرىلغۇ مەزگىلىدە فېڭ رۇگاڭ يەنە 200 مو يەرگە ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداي تېرىدى. فېڭ رۇگاڭ مۇنداق دېدى: ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ باھاسى ئادەتتىكى بۇغداي باھاسىدىن بىر مو ئۈچ پۇڭ يۇقىرى. بىز 2018- يىلى 9- ئايدىلا شىركەت بىلەن توختاملاشقان. كارخانا بۇ يىل بىزگە نۇرغۇن ئېتىبارلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى. دېھقانلار ئاشلىقنى ئۆزلىرى ئاپىرىپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇلار ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ كېتىدۇ.

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي بازارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى باشلامچى كارخانا ـ ـ شىنجاڭ خۇامەي يېڭى ئاشلىق ئۇن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھازىرغىچە 100 مىڭ توننىغا يېقىن ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي سېتىۋېلىپ، يىللىق سېتىۋېلىش نىشانىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ كەي مۇنداق دېدى: بىز ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش توختامى ئىمزالىغان دېھقانلاردىن بۇغداينى باھا قوشۇپ سېتىۋېلىپ، زاكاز تالونى ئارقىلىق دېھقانلارنى ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى تېرىشقا يېتەكلەپ، سۈپىتى ئەلا بولسا يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش ئارقىلىق دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردۇق. گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىلغۇسىنى كۆلەملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئاشلىق پىششىقلاشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ قولىدىكى ئاشلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە قىلدۇق. 

  2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز 2004- يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشنى يېتەكچى قىلغان «ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش، ئاشكارا سېتىۋېلىش، ئاشكارا بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش» تىن ئىبارەت بۇغداي يىغىۋېلىپ ساقلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى توختىتىپ، بازارنى يېتەكچى قىلغان «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، بازار باھانى بېكىتىش، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكت سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش، ئەلا سۈپەتلىكلىرىگە يۇقىرى باھا قويۇش، ئەلا سۈپەتلىكلىرىگە تولۇقلىمىنى يۇقىرى بېرىش، جىددىي ئېھتىياجلىقلىرىنى شەھەرگە ھاۋالە قىلىپ سېتىۋېلىش» تىن ئىبارەت بۇغداي يىغىۋېلىپ ساقلاش يېڭى مىخانىزىمىنى ئورناتتى ۋە يولغا قويدى. جايلار بۇغداي سېتىۋېلىش باھاسىنى بازارغا قاراپ بېكىتتى. 2018- يىلى ئادەتتىكى بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە باھاسى 2 يۈەن 3 مو 9 پۇڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 3 پۇڭ يۇقىرى بولدى. ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئىستاتېستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدا ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 2 مىليون 400 نەچچە مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداينىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىنىش باھاسى 5 پۇڭدىن بىر موغىچە ئۆستۈرۈلگەن. 

 ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي يىغىۋېلىپ ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جايلار بۇغداي يىغىۋېلىپ ساقلاشتىكى سىياسەت قورغىنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، ئاشلىق ۋاسىتىچىلىرى، ئۇن پىششىقلاش كارخانىلىرى بۇغداي سېتىۋېلىش ھالقىلىرىغا قاتنىشىپ، كۆپ مەنبەلىك بازار سۇبيېكتلىرى تەڭ رىقابەتلىشىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، دەرىجىسى، باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇش، ئاشلىق تۇرۇپ قېلىش، ئاق ھۆججەت يېزىپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىپ، ئاشلىق ساتقان دېھقانلارنىڭ ئەرز- شىكايەت قىلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، رازى بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئىلى ئوبلاستلىق ئاشلىق ۋە ماددى ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى كەسپى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن شىننىڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەر قايسى كارخانىلاردىن ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىلگىرى دېھقانلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئاساسىدا، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاشلىقنى ئاپتاپقا سېلىش مەيدانى، ئاشلىق تازىلاش ئۈسكۈنىسى، سالقىندىتىش مەيدانى بىلەن تەمىنلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاق ھۆججەت بەرمەسلىك، ئاشلىقنى قوندۇرماي سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلدۇق. 

 نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش يېتەكچى قىلىنغان بۇغداينى بازارلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىپ ساقلاش يېڭى مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى «مىقدار» نى قوغلىشىشتىن «سۈپەت» نى قوغلىشىشقا ئۆزگەردى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى مەۋقەنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا قويۇپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداي سورتلىرىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇردى. شىمالىي شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق كاپالەت رايونلىرى ۋە شىنجاڭدىكى ئاساسلىق سېتىش رايونلىرىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەتتىكى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئازايتىپ، مول سېلىنلىق، ئورگانىك بۇغداينى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىپ، بۇغداينىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى ليۇ شۆمىڭ ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئاشلىق كەسپىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئىسلاھات پايدىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇن ماركىسىنى يارىتىپ، ئاشلىق كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلغاندىلا، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەچپچىقىرىش كەسپى يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدۇ.

 تەرجىمان: گۈلرۇخ قاسىم 

相关阅读