ئۈرۈمچى شەھىرى «كۆچەتنى تاغقا تىكىش، سۇنى شەھەرگە باشلاش، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش، يەرنى زىمىننى يېشىللاشتۇرۇش، ئاسماننى سۈزۈلدۈرۈش، شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى
【发布时间】2019-10-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرى ئايبىن خەۋەر قىلىدۇ: 

 ئۈرۈمچى شەھىرى «كۆچەتنى تاغقا تىكىش، سۇنى شەھەرگە باشلاش، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش، زىمىننى يېشىللاشتۇرۇش، ئاسماننى سۈزۈلدۈرۈش، شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى داۋاملىق ياخشىلاپ، شەھەرنى بارغانسېرى ئولتۇراقلىشىشقا ماسلاشتۇردى.

 كۈزنىڭ ھىدى بارا- بارا قويۇقلاشتى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يامالىق تېغىنى قاپلىغان ياپيېشىل دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى سارغىيىشقا، قىزىرىشقا باشلىدى. كۈزنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لى خۇڭ مۇنداق دېدى: مۇھىت ياخشىلىنىپ، ھاۋامۇ ساپلاشتى، مەنزىرىمۇ گۈزەللەشتى. بۇ يەردە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالساق، ئۈرۈمچىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆرەلەيمىز، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە ئۆزگىرىش زور بولدى. 

 يامالىق تېغى-- ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدىكى ئەڭ چوڭ قاقاس تاغ. تاغ گەۋدىسىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئاز بولغانلىقتىن شەھەردىكى چاڭ- توزان بىلەن بۇلغىنىش مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغىنى كۆكەرتىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىۋېرسال ئېچىشنى يولغا قويدى؛ 2017- يىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغى، جەنۇبىي قارلىغاچلىق تېغى قاتارلىق 28 قاقاس تاغدا «تاغقا كۆچەت تىكىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. 2018- يىلى بىر يىلدىلا، شەھەر بويىچە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلار 715 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. ھازىرغىچە، «تاغقا كۆچەت تىكىش» كۆلىمى 38 مىڭ موغا يېتىپ، كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتىنى %90 تىن ئاشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (باغ- ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لى كۈەنجۇڭ مۇنداق دېدى: 2017- يىلى بېكىتكەن 46 مىڭ مو يەرگە كۆچەت تىكىش ۋەزىپىسىنى بۇ يىل ئورۇنداپ بولدۇق. كېلەر يىلى، «تاغقا كۆچەت تىكىش» تە، تولۇقلاپ تىكىشكە تېگىشلىك ياكى قاپلاش نىسبىتى يېتەرلىك بولمىغان جايلارغا يەنە كۆچەت تىكىپ، تاغ ئېتىكىدىن تاغ چوققىسىغىچە تولۇق كۆكەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. 

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى «تاغقا كۆچەت تىكىش، سۇنى شەھەرگە باشلاش، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش، زىمىننى يېشىللاشتۇرۇش، ئاسماننى سۈزۈلدۈرۈش، شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈرنى، بۇلغىنىشنى، چاڭ- توزاننى، ئاپتوموبىلنى تىزگىنلەش قاتارلىق بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق «كۆك ئاسمان» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ستولبىدىكى سىملارنى يەرگە كۆمۈش، گۈزەللەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سىرتقى قىسىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، «شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش» نى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرى «سۇنى شەھەرگە باشلاش» نى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىل ئىچىدە، داجەي توسمىسى باغچىسى ۋە شىچىخۇ سۇلۇق يەر باغچىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك باشلامچى قۇرۇلۇشنى تاماملاپ ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، شەھەر ئىچىدىكى تىنچلىق ئۆستىڭى ۋە شىمىگو دەرياسىنى نۇقتىلىق تۈزەش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىمىگو دەرياسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ 1-، 2-، 3- قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملاندى. ئۆزگەرتىش كۆلىمى تەخمىنەن 80 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.4 كىلومېتىر كېلىدىغان شىمىگو دەرياسى ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە كارىدورى بەرپا قىلىندى. ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونلۇق باغ- ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۇلىن مۇنداق دېدى: تەۋەلىكىمىزدىكى 6.9 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەريا قېنىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، مەنزىرە قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردۇق. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىمىگو رايونىغا يېڭىدىن 1 مىڭ 168 مو كېلىدىغان يېشىللىق قوشۇلىدۇ، سۇ يۈزى كۆلىمىمۇ كېڭىيىپ 200 موغا يىتىدۇ. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، «سۇ سۈزۈك، قىرغاق يېشىل، سۇدا بېلىق بولۇش» نىشانى ئەمەلگە ئاشىدۇ. 

 ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاۋ لىنخۈي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ يەردە ياۋا ئۆردەك يوق ئىدى، ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ ياۋا ئۆردەكلەر پەيدا بولۇپ، بۇلتۇر قىشتا 100 دىن كۆپرەككە يەتتى. 

 بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە «300 مېتىر ئارىلىقتا يېشىللىقنى كۆرۈش، 500 مېتىر ئارىلىقتا باغچا بولۇش» تىن ئىبارەت باغچا قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى بويىچە، باغچىلاردىكى راۋاق، كارىدور، ئورۇندۇق، ئۆسۈملۈكلەردىن تارتىپ باغچا يولىغىچە ھەممىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەپ ۋە قۇرۇلۇش قىلىپ، ئالاھىدىلىكى روشەن، ئاساسىي تېمىسى گەۋدىلىك، ئىقتىدارى تولۇق شەھەر ئاھالىلىرى ئارامگاھلىرىنى بەرپا قىلدى. ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىدىن جەمئىي 990 دىن كۆپرەك كىچىك باغچا قۇردى؛ بۇ يىل، يەنە 100 كىچىك باغچا قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تاماملاشنى پىلانلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (باغ- ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) باغ- ئورمان باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى زىجاڭ مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، 70 كىچىك باغچىنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق، قالغان 30 كىچىك باغچىنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاماملىشىمىز مۇمكىن. بۇ يىلقى كىچىك باغچا قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تاللانغان ئورنى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولدى. كىچىك باغچىلارنى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا يېقىن جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق. بىز باغچىدا يول، چېنىقىش ئەسلىھەلىرى، ئورۇندۇق، مەنزىرە كۆرۈنۈشى تەسىس قىلىپ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى يېشىللىق مۇلازىمىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىشقا تىرىشتۇق. 

 تەرجىمان: مىھرىئاي  


相关阅读