ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت، ساياھەت تارماقلىرى دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساياھەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى
【发布时间】2019-10-19  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

   2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت، ساياھەت تارماقلىرى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلاپ، قانۇن- نىزامغا، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، مەنبەنى تەھلىل قىلىپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

   قەشقەر شەھىرى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشتەك ئەھۋالىغا قارىتا، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى ئەتراپىدا ئىككى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى تەسىس قىلدى ھەمدە چۈشەندۈرگۈچىلەرنى تەربىيەلەپ ۋە باھالاپ، ئۇلارنىڭ سىرتقى قىياپىتى ۋە مۇلازىمەت مۇئامىلىسىنى بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇردى. قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: يورۇتۇش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن كېيىن قەدىمىي شەھەرنى كېچىلىك ساياھەت قىلىش قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بىز چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ مۇلازىمەت ۋاقتىنى ئۇزارتتۇق، ھەر كۈنى كەچتە چۈشەندۈرگۈچىلەر ئىش ئورنىدا ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

   قۇمۇل شەھىرى پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت تەپەككۇرىنى پائال ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئۆزگىچە ساياھەتچىلىك ھالىتىنى بەرپا قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىگە تەدبىقلاپ مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆگىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. قۇمۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ خەييەن مۇنداق دېدى: كەشتىچىلىككە كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسىپ ھالىتىمىزنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا سىناپ بېقىش تىپىدىكى مەھسۇلاتقا ئۆزگەرتىمىز.

   ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ساياھەتچىلىك بازىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قويۇپ، كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش، دائىرىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىش قاتارلىقلارنى تۈزەپ، ساياھەتچىلىك بازىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئاجىز ھالقىلار ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىر- بىرلەپ ھەل قىلدى. غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى دىڭ شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىلەرنى بىجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. ئىككىنچىدىن، تازىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئەستايىدىل ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ يېتىپ قوپۇشتا خاتىرجەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

   ئىلى ئوبلاستى رەتلەپ چىقىلغان سەھرا قونالغۇسىغا ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى ئېنىق ئۇقتۇرماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، بىر كۆزنەكتە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئۆلچەم ۋە تەلەپلەرنى بىر قېتىمدىلا ئېنىق ئۇقتۇرۇپ، سەھرا قونالغۇ ئىگىلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتتى. 

تەرجىمان: ئىلمىنۇر

相关阅读