چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، «باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى
【发布时间】2019-10-19  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تۈنۈگۈن 10- ئاينىڭ18- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو تيانشان رايونى ئىتتىپاق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى «خۇاڭچېڭ» مەھەللىسىدە مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ھەر مىللەت ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوچۇق- ئاشكارا تەربىيەنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىنچىكە تەرەپلەرگە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئامما ئەڭ ئالدىرىغان، ئەڭ غەم قىلغان، ئەڭ تەقەززا بولغان جىددىي مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى سىناش كېرەك.

  چېن چۈەنگو پەرھات ئەخمەت بىلەن يۈسۈپ تۇراق ئائىلىسىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى، كىرىم مەنبەسى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو ئۇلارنى تىرىشىپ ئىشلەپ، ئائىلىسىنى گۈللەندۈرۈپ، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئاتا- ئانىسىغا ۋاپادار بولۇپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

 چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر- ساقچىلىرى ۋە سىياسىي- قانۇن كادىرلىرىنى يوقلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. دېققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، چوڭقۇر قېزىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، سىجىل كۈچەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەي، رەسمىيەتچىلىك قىلماي، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچا رايونىغا بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ جېنى. ئالدىنقى قاتاردىكى كەسىپلەرنى نىشانلاپ، سېلىنمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تىرىشىپ ئىگىلەش كېرەك.

 چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى كەم- كۈتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەش نۇقتىسىنى ياخشى ئىگىلەپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ياخشى ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، «شەكىل» گە ئەھمىيەت بېرىپ، «ئەمەلىي ئىشلەش» كە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتىن؛ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا ئالدىراش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال ئاتالمىش «يېڭىلىق يارىتىش» قا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشقا، قەلىبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى- سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك- دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

تەرجىمان: ئىلمىنۇر

相关阅读