باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
【发布时间】2019-10-19  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك 6- قېتىملىق نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم جېڭى خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىشاننى بويلاپ، غەيرەتكە كېلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز.

 ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گورۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس خادىمى چالقار ئەبدىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي ھۇجۇم نىشانىنى بويلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جەڭگە قاتنىشىپ، نىشانغا يەتمىگۈچە بولدى قىلماي، 2020- يىلىغا بارغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز قەرەلىدە، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ: ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا قەدەم قويدى، دەپ كۆرسەتتى. جايلار، تارماقلار نىشاننى بويلاپ، غەيرەتكە كېلىپ، نامراتلىق قورغىنىغا قەتئىي ھۇجۇم قىلىشى كېرەك. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆنىڭ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشېرىق بازىرى تۆۋەنكى بەشېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى قەيسەرجان دولقۇن مۇنداق دېدى: نامرات ئاھالە ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەتكە كىرگۈزۈش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى. ھازىر بىز ھەم نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ ھەم ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشى، ئېكولوگىيەسىنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىشى، يېزا ئىستىلىنىڭ مەدەنىي بولۇشى، ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى، تۇرمۇشنىڭ باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش ماكانىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

 ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- دۇڭسەن رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مىچۈەن- دۇڭسەن رايونى سەنداۋبا بازىرى دۇجياجۇاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجىسى جاۋ جىڭبو مۇنداق دېدى: 2020- يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھىس قىلدۇق. بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئورتاق قاتنىشىپ، پۇقرالارنى ھەقىقىي بېيىتىپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز.

 ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزا يۇقىرى خادىلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى يىن جېن مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەكىت ناھىيەسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدىغان يىل، شۇنداقلا 2020- يىلى ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىل. مەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت ئەترىتىمىزدىكى بارلىق ئەزالارنى يېتەكلەپ، كەنتىمىزنى مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كەنتىمىزدىكى ھەر بىر نامرات ئائىلىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. قۇمۇل شەھەرلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى جاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 17 مىڭ 700 دىن ئارتۇق ئادەمگە، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا قارىتا، مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتىمىز. چېكىنىپ چىققان 28 نامرات كەنتكە قارىتا، نامرات كەنتلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق يېتەكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋېي مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئاساسىنى، كەنت دەرىجىلىك ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى، يېزا مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، يېزا قىياپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 

تەرجىمان: گۈلرۇخ قاسىم

相关阅读