بۇرچىن ناھىيەسى ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىملىك مۇلازىمەت خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى
【发布时间】2019-10-20  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

  بۇرچىن ناھىيەسى داۋالاش- سەھىيە سېلىنمىسىنى سىجىل كۆپەيتىپ، داۋالاش- سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمەت خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  ئىككى كۈندىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ دۇۋلايتى يېزىسىدىكى ئائىلە دوختۇرلار ئۆمىكى دۇۋلايتى كەنتىگە كېلىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ سەييارە كېسەل كۆردى. كەنت ئاھالىسى چېن دۇڭمېينىڭ كۆپ يىللار ئىلگىرى يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئىز قوغلاپ داۋالىشى نەتىجىسىدە، ھازىر كېسەللىك ئەھۋالى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. چېن دۇڭمېي مۇنداق دېدى: ھازىر ئائىلە دوختۇرى بولغاندىن بۇيان، دائىم ئۆيىمىزگە كېلىپ بىزنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ، دوختۇرخانىغا بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى.

  بۇرچىن ناھىيە دۇۋلايتى يېزىلىق شىپاخانا ئائىلە دوختۇرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش ئەترىتىدىن 10 نى قۇردى، ھەر بىر كوللېكتىپقا ئۈچتىن تۆتكىچە ئادەم سەپلىدى. ئائىلە دوختۇرلىرى ھەر ئايدا كەنتلەرگە بېرىپ، بىر قېتىم داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئېلىپ بارىدۇ. دۇۋلايتى يېزىلىق شىپاخانىنىڭ باشلىقى غازىلا تېنمقان مۇنداق دېدى: شىپاخانىمىزدىكى ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىم ئىمزالاپ، دۇلايتى يېزىسىدىكى 12 كەنتتە كېلىشىم ئىمزالىغان ئائىلە دوختۇرىنىڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئاساسلىقى نۇقتىلىق نوپۇسلار، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت كېسىلى بارلار، يېشىغا توشمىغان بوۋاقلاردىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلار، ھامىلدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، مېيىپلار، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا كېلىشىم ئىمزالاشنى %100 كە يەتكۈزدۇق.

  بۇرچىن ناھىيەسى 2016- يىلىدىن باشلاپ كوچا، مەھەللە، يېزا- بازارلاردا ئائىلە دوختۇرلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن ئاھالىلەر ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، ئاساسىي داۋالىنىش، ساغلاملىق تەربىيەسى بويىچە داۋالاش، ۋاكسىنا ئەملەش قاتارلىق 14 تۈرلۈك مۇلازىمەتتىن ھەقسىز بەھرىمەن بولدى. سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئائىلىلەر كېلىشىم ئىمزالىسا تۆت ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە بولغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل رېتسېپىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. دوختۇرخانىدا يېتىشقا تېگىشلىك 65 ياشتىن يۇقىرى كېسەللەرنى 15 كىلومېتىر دائىرىدە ھەقسىز ئاپىرىپ- ئەكىلىدۇ. بۇرچىن ناھىيەسى ئاھالىسى

 ما جاۋۋۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئائىلە دوختۇرىمىز دائىم ئۆيگە كېلىپ، ھەقسىز قان بېسىمىمنى ئۆلچەپ قويىدۇ. ئالدىن كېلىشىپ قويۇشقا توغرا كەلسە، تېلېفۇن بېرىپ چاقىرساملا كېلىدۇ، ھازىر كېسەل كۆرسىتىش بەك قولايلىق.

  بۇرچىن ناھىيەسى بۇ يىل «ئالاقە تورى بىلەن ئائىلە دوختۇرى كېلىشىمى» نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلە دوختۇرى خېرىدارلار تېرمىنالىدىن پايدىلىنىپ، كېلىشىم ئىمزالىغان ئاھالىلەرنى توردا كېلىشىم ئىمزالاش، ساغلاملىق مەسلىھەتى بېرىش، ئالدىن كېلىشىپ كېسەل كۆرسىتىش، ساغلاملىق بويىچە باشقۇرۇش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەردىن ئەھۋال ئىگىلەش، تەكشۈرۈش دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. ئاھالىلەر ئىككىلىك كود، يان تېلېفون بىلەنلا ئۆزلىرى ئىشىنىدىغان ئائىلە دوختۇرى بىلەن تېز سۈرئەتتە كېلىشىم ئىمزالىيالايدۇ. ھازىرغا قەدەر، بۇرچىن ناھىيەسى 77 ئائىلە دوختۇرى مۇلازىمەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، 269 پارچە مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلار، ياشانغانلار، مېيىپلار، سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش نىسبىتى %100 كە يەتتى. بۇرچىن ناھىيەلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى سايىلە ساتىقاباس مۇنداق دېدى: ناھىيەمىز ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، ئاممىنى ئاز ماڭدۇرۇپ، داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنى ئوخشاش بولمىغان دەل جايىدىكى ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، پۇقرالارنى «ئالاقە تورى بىلەن داۋالاش ساغلاملىق» مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلدۇق. كېيىنكى قەدەمدە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى، ئاممىۋى ساغلاملىقى مۇلازىمىتى، ساغلاملىق تەربىيەسى رېتسېپى قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلە دوختۇرلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەيمىز. 

 تەرجىمان: گۈلرۇخ

相关阅读